ئەنگىلىيە جۇڭگۇدىن ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلدى

زاكىر تور خەۋىرى لەگلەك تور تەرجىمىسى

 

  ئەنگىلىيەنىڭ BBCنىڭ 12-كۈنلۈك خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،ئەنگىلىيە ماتىماتىكا مەركىزى يىقىندا تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئەنگىلىيە قۇرامىغا يەتكەن ئادەملەرنىڭ ماتىماتىكا ئىقتىدارى بەكلا ناچار ئىكەن ھەمدە شۇ تۈپەيلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق 2 مىليارد فونىستىرلىڭ ئىقتىسادى زىيان تارتىدىكەن. 2-ئايدا، ئەنگىلىيە ماتىماتىكاشۇناسلار شاڭخەيگە كىلىپ شۇ جايلىق 60 نەپەر ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنى ئەنگىلىيەگە بىرىپ دەرىس ئۆتۈشكە تەكلىپ بەردى.

 

تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرى

 

  ”ھەتتا مائاش تالۇنى ئۈستىدىكى مەلۇماتلارنىمۇ كۆرۈپ چۈشەنمەيدۇ“

 

  1/3 ئەنگىلىيەلىك ئادەملەر ماتىماتىكا سۇئالىغا ئۇچرىغاندا ئەگەر ھىسابلىغۇچ بولمىسا بارماق سانايدىكەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نەرسە_كىرەك سىتىۋالغاندا ھىسابلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ھەر ھەپتىسىگە 10 فونىستىرلىڭ زىيان تارتىدىكەن. قۇرامىغا يەتكەنلەر پارچە پۇلنى توغرا سانىيالماسلىقتىن ياكى سانىماسلىقتىپ ھەر يىلىغا 800 مىليون فونىستىرلىڭنى ئارتۇق خەجلەيدىكەن.

 

  نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ساياھەت جەريانىدا پۇلنى ئالماشتۇرۇشنى ياكى باج ھىسابلاشنى ئۇقماسلىق ھەتتا باشقىلارنىڭ پۇلنى كەم بىرىشىنى بايقىماسلىق قاتارلىق ئىشلار دائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئەنگىلىيە ماتىماتىكا مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماتىماتىكا ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى خىزمەت مائاشنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى、شىركەتلەر كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى,ھۆكۈمەت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەمدە ھۆكۈمەت تارىتقان 20مىليارد زىيان GDPنىڭ 1.3%تىگە توغرا كىلىدىكەن. ئەمىلىيەتتە بۇ سان سەل قارىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ كەمچىللىكنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا ۋە دۆلەت داۋالاش ئورۇنلىرىغا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى تىخىمۇ چوڭ ئىكەن. 

 

  تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماتىماتىكا ئاساسى ناچارلار خىزمەت تاپالمايدىكەن،قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تۈرمىگە كىرىش ۋە  قۇرامىغا يەتمەي ھامىلدار بولۇش نىسبىتى تىخىمۇ يۇقىرى ئىكەن،ھەتتا دۆلەت ئىجتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىكەن.

 

 

 سەۋەبلەر

 

ھىسابلىغۇچقا تايىنىۋىلىش

 

  ئەنگىلىيە ئاممىسىنىڭ ماتىماتىكا ھىسابلاش ئىقتىدارى نىمىشقا بەك ناچار؟بىرىنجى، ئۇلار ماتىماتىكا ئۈگۈنۈشكە باشلىغاندىلا ھىسابلىغۇچقا تايىنىۋالىدۇ.ئىلگىرى ئەنگىلىيە ھۆكۈمۈتى 10-12 ياشتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتىماتىكا سىناق ئىلىپ بارغان،ھىسابلىغۇچ يوق ئەھۋال ئاستىدا، %27 ئوقۇغۇچى ھىسابلىغۇچ بولمىسا 2.36گە 1.46نى قوشسا نەچچە بولىدىغانلىقىنىمۇ ھىسابلىيالمايدىكەن; %36 ئوقۇغۇچىلار 415كە 5نى بۆلسە نەچچە بولىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايدىكەن.

 

ئىككىنجى، ئەنگىلىيەلىكلەر ماتىماتىكىغا قىزىقمايدۇ ھەمدە مۇھىم بىلمەيدۇ.تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، %25 ئوقۇغۇچى ماتىماتىكا ئۈگۈنۈشنى خالىمايدۇ. ئۈگەنمەسلىكتىكى سەۋەبكە كەلگەندە، %31 ئوقۇغۇچى ياخشى ئۈگۈنەلمەيدىكەن، %45 ئوقۇغۇچىلار ماتىماتىكا بەك زىرىكىشلىك دەپ قارايدىكەن.

 

ئۈچۈنجى، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بەك ئاز، ئەنگىلىيە باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئاران %3تىدىلا ماتىماتىكا ئۇنۋانى بار ئىكەن.

 

  مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا

 

  پۈتۈن خەلىق ئاممىسىنىڭ ماتىماتىكا سەۋىيىسىنىڭ تۋەن بولۇشى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنسىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە ئۇنىڭ ئۈستىدە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئويلاشتى. ئاۋال باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھىسابلىغۇچ ئىشلىتىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسابلاز ئىقتىدارىنى كۆتۈردى.ئەنگىلىيە ھۆكۈمۈتى تىخى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغانلارنى 7500فونىستىرلىڭ بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئۇنىڭدىن سىرىت،2013-يىلى 1-ئايدا ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى جۇڭگۇنىڭ نىڭبودىكى باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە جۇڭگۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھىسابلاش ئىقتىدارىنى كۆرگەن ئەنگىلىيەلىك مۇدىرلار ھەيران قىلىشتى.

 

  2014-يىل 2-ئايدا، ئەنگىلىيەلىك مائارىپشۇناسلار شاڭخەيگە كىلىپ شۇ جايلىق 60 نەپەر ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنى ئەنگىلىيەگە بىرىپ دەرىس ئۆتۈشىگە تەكلىپ بەردى.

 

‏لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
16-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek