لەگلەك تورى تەرجىمىسى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يىغىن ئېچىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا توختالدى . يىغىنغا جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ سېكىرتارى شىجىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى .
يىغىندا زوراۋان تېرورلۇق ھەرىكىتىگە زەربە بىرشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ، دىنىنى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىپ زوراۋان تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى يۈز بىرشىنى توسۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى . يىغىندا يەنە ئالاھىدە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، مۇقىملىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مائارىپنى يولغا قويۇش كېرەك دەپ كۆرسەتتى .
زوراۋان تېرورلۇق ھەرىكىتىگە زەربە بىرىشنى كۆرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش
يىغىندا شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدە مۇھىم ئىستىراتېگىيلىك رول ئوينايدۇ ، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى ، قالايمىقانلىقى ، ئۆتكۈرلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىل ئەبەت تىنچ ئامانلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ شىنجاڭ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسنى جەمىيەت مۇقىملىقغا قويۇش كېرەك دەپ كۆرسەتتى .
يىغىندا مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىگە قارشى تۇرۇپ قانۇن بويىچە زەربە بىرىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكنى قوغداش . زوراۋان تېرورلۇق ھەرىكىتىگە زەربە بىرىشنى ھازىرقى كۆرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش ، دىننىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىپ زوراۋان تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ يۈز بىرشىنى توسۇپ شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك دەپ كۆرسەتتى .
جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مائارىپنى يولغا قويۇش
يىغىندا خەلىق تۇرمۇشىدا ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورونغا قويۇش . مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، چارۋىچىلىق رايۇنى ۋە چەت يەرلەردە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مائارىپنى يولغا قويىدۇ . تەرەققىيات نەتىجىسى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئېتىبار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، خەلققە پايدىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ، بايلىقلارنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشتا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قاتنىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى .
چېگرا رايون مۇقىملىقنى قوغداش قۇرلۇشنى كۈچەيتىش
يىغىندا يېڭىچە جەمىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، تور بىخەتەرلىك نازارىتىنى كۈچەيتىش ، قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ، مەخسۇس زەربە بىرىش تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ " ئۈچ خىل كۈچ " كە قاتتىق زەربە بىرىش ، ئۈنۈملۈك ھالدا زوراۋان تېرورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپلەپ يۈز بىرىشى ۋە ئىچكىرىگە تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى
يىغىندا ئالاھىدە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، نامرات ئاممىنى مەركەز قىلىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش . بىڭتۇەنلەر چېگرا رايون مۇقىملىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ دۆلەتنىڭ بىرلىكنى قوغداش ، مىللەتلەر ئىتىپاقىنى قوغداش ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتەك ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك دەپ كۆرسەتتى .
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved