12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەندە تاڭشەن شەھىرى لۈەننەن ناھىيىسىدىكى 50 نەچچە ياشلىق ئەر ئەرمەك ھايۋىنىنى يېتىلەپ مۇز ئۈستىدە مېڭىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز مۇز يېرىلىپ ئەر دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن. جىددىي پەيتتە يېقىن ئەتراپتىكى ئۈچ نەپەر ياشانغان كىشى تېزلىكتە يۈگۈرۈپ كېلىپ بىر تەرەپتىن ئارغامچا تاشلاپ، بىر تەرەپتىن ئۈستىگە تارتىش ئارقىلىق ئاستا-ئاستا ئەرنى سۇدىن تارتىپ چىققان.
قىسقىغىنا بەش مىنۇت ئىچىدە سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچى ھايات-ماماتلىق پەيتنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۈچ نەپەر قۇتقۇزۇۋالغۇچى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن جىمجىتلا كېتىپ قالغان. ئەمما ۋەقەنى ئۆ كۆزى بىلەن كۆرگۈچى ئۇلارنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇش جەريانىنى سىن كۆرۈنۈشكە تارتىۋالغان ۋە توردا ئېلان قىلغان. كەينىدىن لۈەننەندىكى بىر تورداش بۇ ئۈچەيلەننى تونۇۋالغان.
لى ئەپەندىم ئۈچ ياشانغان كىشىنىڭ تېزلىكتە يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن 119 غا تېلېفون قىلغاچ بىر تەرەپتىن تېلېكامىرانى يېقىن ئەكىلىپ پۈتۈن جەرياننى سۈرەتكە ئالغان.
تورداشنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچى قۇلۇپ زاۋۇتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچىسى ئىكەن. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىمۇ ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن ئۈچەيلەن كېتىپ قالغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved