جاھان ئاگېنتلىقى 6-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋىيەنىڭ مۇھىم نىفىت مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان مەبرۇك نىفىت مەيدانى قۇراللىق بىر گۇرۇپ كىشىلەر تەرىپىدىن قولغا كىرگۈۋېلىندى. مەزكۇر رايۇندا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا 10 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ئۆلدى.
بىخەتەرلىك دائىرلىدىن ئېرىشكەن خەۋەرگە قارىغاندا، نامەلۇم بىر قۇراللىق گۇرۇپ، سىرتە رايۇنىنىڭ 150 كىلومىىتر جەنۇبىدىكى مەبرۇك نىفىت مەيدانىنى قولغا كىرگۈزۋالدى ۋە نىفىت مەيدانىنى قوغداۋاتقان 10 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنى ئۆلتۈردى. بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ 4 نەپىرىنىڭ تۇقۇنۇشتا ئۆلگەنلىكى، 6 نەپىرىنىڭ تۇتۇلۇپ ئوققا تۇتۇلغانلىقى ئېنىقلاندى. قۇراللىق گۇرۇپنىڭ نىفىت مەيدانىنى ئوققا تۇتقانلىقى ۋە مەيداندىكى ماشىنىلاردا 40 مىڭ تۇڭ نىفىت بارلىقى ئېنىقلاندى.
مەزكۇر نىفىت مەيدانى توبرۇك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق «مىللى نىفىت ئورگىنى» تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى ۋە فرانسىيە توتال شىركتىىنىڭ بۇنىڭدا پېيى بارلىقى بىلدۈرۈلدى. مەزكۇر نىفىت مەيدانىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى تېخىچە بىرەر تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى.
مەبرۇك نىفىت مەيدانى ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكلاتىغا تەۋە قۇراللىق گۇرۇپىلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved