يىڭى سۈرەتچىلىك تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
موسكىۋالىق فوتوگراف Katerina Plotnikova يۈرەكلىك ھالدا ئىيىق،پىل،بۇغا،كىيىك قاتارلىق چوڭ ياۋايى ھايۋانلار بىلەن گۈزەل قىزلارنى بىر گۇرپا قىلىپ سۈرەتكە تارتىپ رىۋايەت تۈسىنى ئەسەر قىلىپ چىقتى.
Katerina Plotnikova نىڭ سۈرەتلىرى ئىچىدىكى يىقىشلىق رەڭلىرى سۈرەتكە تىخىمۇ خىيالىي تەسەۋۋۇرلارنى قوشىدۇ.
بۇ ئەسەردە قىزلارنىڭ ئەۋرىشىملىكى بىلەن ياۋايى مەخلۇقلارنىڭ كۈچلۈكلىكى كۈچلۈك سىلىشتۇرما بولۇپ،خۇددى بىر مەلىكىنىڭ يىراق بىر دۆلەتكە بىرىپ شۇ يەردە ئۇچرىغان خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆرگەندەك ھىسسىياتقا كەلدۈرىدۇ.
بۇنداق مۇكەممەل ھالدا ئىنسان ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئىناق كۆرىنىشنى تارتىش ئەلۋەتتە ھايۋانات كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھايۋانلارنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىپ ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مودىل ۋە ھايۋانلار ئارىسىدا ئىشەنچ ھاسىل قىلىپ،مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرىلەرنى تارتقىلى بولىدۇ.
Katerina ئىيىق مودىلغا ئىسىلىپ تۇرۇپ،كۆندۈرگۈچى بەرگەن يىمەكلىكنى يەۋاتقان بۇ پارچە سۈرەتنى Facebook دا ئىلان قىلدى
.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ---LEGLEK
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved