مىسىر تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11 -فېۋرال سەھەردە ئاسۋاندىن پايتەخت قاھىرەگە ماڭغان پويىز بەنسىف شەھىرى ئەتراپىدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 73 ئادەم يارىلانغان.
مىسىر تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ پويىز بىر سېمونت تامغا سوقۇلۇپ كېتىپ، رېلىستىن چىقىپ كەتكەن، ھەمدە ئىككى ۋاگون ئۆرۈلۈپ كەتكەن. نۆۋەتتە، پويىز شوپۇرى ساقچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىندى.
مىسىر «ئەلئېھرام گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پويىز تۆمۈر يول ئاچال ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان چاغدا تورمۇز ئىشلىمەي، ئاپتوموبىل گەۋدىسى تۆمۈر يول بويىدىكى سېمونت تامغا سوقۇلۇپ رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.
قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۇزۇن يىل رېمونتسىز قىلىشى، بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى، ئاممىۋى قاتناش قانۇن ئېڭىنىڭ سۇس بولۇشى... قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مىسىردا قاتناش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىسىردا ھەر يىلى تەخمىنەن 12 مىڭ كىشى تۈرلۈك قاتناش ھادىسىسى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved