جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
روسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەربىي ئىشلار كەسپى تور بېكىتى Jane's 360 يېقىندا مۇنداق دېگەن: تېررورلۇق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بۇلتۇردىن باشلاپ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى كونترول قىلىۋالغان %20 دىن ئارتۇق زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالدى
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، مۇتەخەسىسلەرنىڭ سانلىق-مەلۇماتىغا قارىغاندا، «ئىسلام دۆلىتى» 2015- يىلى جەمئىي %14 كونتىروللۇقىدىكى زېمىنىدىن ئايرىلاپ قالغان، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇتتا نامايەن بولۇشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان يەنە %8 كونتروللۇقىدىكى زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشچە، «ئىسلام دۆلىتى» سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىدا يوقىتىپ قويغان جايلار ئەڭ كۆپ ئىكەن. ئۇقۇشلارغا قارىغاندا، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يەنە ئوڭۇشلۇق ھالدا غەربىي قىسىمدىكى رايونلارغا ھۇجۇم ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ھازىر دەل پالميرا شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ بارغان، بۇ رايون 2015- يىلى ئەسەبىي تەشكىلات تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved