رەئىس شى جىنپىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ۋە بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەدىكى باش ئەلچىسى لى جىنجاڭ مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك تەسىرى كۈنسايىن گەۋدىلىنىپ، ئۇنىڭ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى مىسلىسىز ھالەتكە يەتتى.
لى جىنجاڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەزگىلىگە كىردى، ئىككى دۆلەتتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا زىيارەت قىزغىنلىقى، خەلقئارا ماسلىشىش قىزغىنلىقى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق قىزغىنلىقى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، بۇ مۇناسىۋەت ئىككى تەرەپلىك كاتېگورىيەدىن ھالقىپ، يەر شارىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە ئايلىنىپ، بارغانسېرى ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved