«قاتتىق زەربە بېرىش» ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن جىنايەتچىلەر
1- نويابىردىن باشلاپ كېلەر يىلى 30- ئاپرېلغىچە يېرىم يىل داۋاملىشىدىغان تېلېگراف، تورغا ئائىت يېڭىچە قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش - تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىدە 11 خىل جىنايەتچى نۇقتىلىق زەربە بېرىش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
● ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە يۈز بەرگەن رايون خاراكتېرلىك كەسپىي ئالدامچىلىق جىنايىتىنى سادىر قىلغان توپتىكىلەر؛
● ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى دېلولىرىدىكى ئالدامچىلىق ئۇۋىسىنى تەشكىللىگەنلەر؛
● ئالدامچىلىق ئۇچۇرى تارقىتىپ، ئالدامچىلىق تېلېفونى ئۇرغۇچىلار؛
● ئالدامچىلىق شايكىسىدىكىلەر ئۈچۈن پۇل ئېلىپ يۆتكەپ بەرگەنلەر؛
● ئالدامچىلىق شايكىسى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلارنى تېپىپ بەرگەنلەر؛
● يامان غەرەزدىكى يان تېلېفون «ياغاچ ئات» ۋىرۇسى سىستېمىسىنى، تور مەبلىغىگە ئائىت ساختا سودا يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتكەنلەر، ئىشلىگەنلەر، تارقاتقانلار؛
● ئالدامچىلىق شايكىسىغا توردا نومۇر ئۆزگەرتىش سۇپىسى تەمىنلىگەنلەر؛
● پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا قانۇنسىز ئېرىشكەنلەر، ساتقانلار ۋە تەمىنلەنلەر؛
● «ساختا تور ئاساسىي پونكىتى»، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىش مەخسۇس ئۈسكۈنىسى، سىمسىز توسۇش ئۈسكۈنىسى، «قارا رادىئو» قاتارلىق ئۈسكىۈىلەرنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغانلار، ساتقانلار ۋە ئىشلەتكۈچىلەر؛
● بانكا كارتىسىنى قانۇنسىز ئېلىپ - ساتقانلار؛
● باشقا تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛
نۇقتىلىق تۈزۈلىدىغان يەتتە تۈردىكى قانۇنسىز قىلمىش
● تېلېگراف سىم يولىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىجارىگە بېرىش؛
● يان تېلېفون كارتىسىنى، تور كارتىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈركۈملەپ بېجىرىش، كىملىكتىكى ئىسمى بىلەن بېجىرمەسلىك؛
● «بىر نومۇر بىلەن ئۇلىنىش»، «400»، «سودا ئىشلىرى باش ئاپپاراتى» قاتارلىق ئالاقە مۇلازىمەتلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ بېجىرىش، ئىشلىتىش؛
● كىملىكتىكى ئىسمى بىلەن بېجىرىلمىگەن بانكا كارتىسى، تور كارتىسى، كەڭ بەلباغلىق سىم يولىنى ئىشلىتىش؛
● كىملىكتىكى ئىسمى بىلەن بېجىرىلمىگەن بانكا كارتىسىنى ئىشلىتىش ھەمدە ئادەم بىلەن كارتىنى ئايرىۋېتىش، چېگرا سىرتىدا ئىشلىتىش؛
● بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار؛
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved