گۇگېل شىركىتى ئالدىنقى مەزگىللەردە يېڭى بىر ئەۋلاد ئاندىرويىد سىستېمىسى Android N نىڭ ئالدىن كۆرۈش نەشىرىنى تارقىتىپ، قىسمەن Nexus يانفونى ئابونتلىرىنىڭ ئالدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىگە سۇنغان. ئەگەر باشقا ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇنداقتا Android N نىڭ ھەقىقىي نەشىرى بۇ يىل يازدا رەسمىي تارقىتىلىدۇ. گۇگېل شىركىتى ئىلگىرى تارقاتقان ئاندىرويىد سىستېمىلىرىنى تاتلىق-تۈرۈملەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ كەلگەنىدى، ئۇنداقتا، يېڭى نەشىردىكى بۇ ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ ئىسمى زادى نېمىدۇ؟
گۇگېلنىڭ ئادىتى بويىچە، ھەر بىر ئەۋلاد سىستېمىنىڭ تەتقىقات باسقۇچىدىكى، يەنى ئىچكى قىسىمدا قوللىنىلغان ۋە تارقىتىلغاندىن كېيىنكى ئىسمى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. گەرچە باش ھەرىپى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما تەتقىقات باسقۇچىدا تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىسىم
بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرىكى KitKat、Lollipop ۋە Marshmallow قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقات باسقۇچىدىكى ئىسمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا Key Lime Pie、Lemon Meringue Pie ۋە Macadamia Nut COOKIE بولغان. ھازىرقى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، Android N نىڭ ئىچكى قىسىمدا قوللىنىلغان نامى ئاللىقاچان ئاشكارىلانغان، يەنى گۇگېل ئۇنىڭغا New York Cheesecake دېگەن ئىسىمنى قويغان (مەنىسى نيۇيورك ئىرىمچىك تورتى)، ئىسمىنى ئاڭلاپ ئېغىزىڭىزغا سېرىق سۇ يىغىلدىمۇ-قانداق؟
نىيۇيورك ئىرىمچىك تورتى
بىراق، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بۇ ئىسىمغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، Android N نىڭ ئاخىرقى ئىسمىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلماق بىر قەدەر قىيىن. بىراق، تەشۋىقاتقا قولاي بولۇش ئۈچۈن، گۇگېل ئادەتتە ئۇنى قىسقارتىپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved