جۇڭگو-رۇسىيە چېگرا سۆھبىتىدە 1964-يىلى ئىيۇلدا زور ئىلگىرلەش بولغان، لېكىن بۇ خىل جىددىي بۇرۇلۇشتىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
ماۋزىدۇڭ 1964-يىلى 10-ئىيۇن ياپونىيە سوتسىيالىستىكلار پارتىيەسى بىلەن كۆرۈشكەندە، بىر ياپونىيەلىك ئۇنىڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيە كۇرىل تاقىم ئاراللىرى (ياپونىيەلىكلەر شىمالىدىكى تۆت ئارالنى شۇنداق ئاتايدۇ)نى بېسىۋالغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. ماۋزىدۇڭ:« تاشقى مۇڭغۇلىيە زىمىنلىرى كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدىن خېلىلا چوڭ، بىز ئىلگىرى تاشقى مۇڭغۇلىيەنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئوتتۇرغا قويغان، بىراق ئۇلار ئۇنىمىغان. بەزىلەر ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ بىلەن خېيلۇڭجياڭ قوشىۋالماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار 100نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بايقال كۆلىنىڭ شەرقىنى، يەنى كامچاتكا يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىمىنلارنى قوشىۋالغان. ئۇلار بىلەن تېخى بۇ ھېساباتنى قىلمىدۇق، شۇڭا سىلەرنىڭ كۇرىل تاقىم ئاراللىرى ھېچقانچە مەسىل ئەمەس، قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك»دېگەن.
سوۋىت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ماۋزىدۇڭنىڭ سۆزىدىن ھەيران قالغان ھەمدە خىروشىفنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن كېلىشىم بويىچە چىگرا مەسىلىسىدە جۇڭگونىڭ رايىغا باققان. ئىككى تەرەپ خېيلۇڭجىياڭ دەرياسى بىلەن ئۇسسۇرى دەرياسى چىگىرلىنىدىغان جاينى چېگرا سىزىقى قىلىشقا قوشۇلغان، تالاش تارتىشتا قالغان 400نەچچە ئارال، 600كىۋادىرات كىلومېتىر سۇ يۈزى ۋە جىنباۋدا ئارىلى قاتارلىق ئاراللار جۇڭگوغا تەۋە بولغان.
جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىكى ئەڭ تۆۋەن چېكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن چارروسىيە ئىمزالىغان چىگرا مەسىلىسىنىڭ تەڭسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگو تەرەپ بۆلىۋالغان زىمىننى قايتۇرۋېلىش مەقسىتىنى ئېيتقان، ئەمما بۇ تەلەپ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، سوۋىت ئىتتىپاقى تەڭسىز شەرتنامە مەسىلىسىنى قىلتاق دەپ قارىغان.
ئىككى تەرەپنىڭ تەڭسىز شەرتنامە توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرى كېيىن ئۇلارنىڭ خەرىتىنى ئالماشتۇرىشى بىلەن سەل پەسەيگەن.ئىككى تەرەپ شەرقىي بۆلەكتىكى چىگرا مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەن. ماۋزىدۇڭنىڭ يوقۇرىقى سۆزى پەقەت ھالقىلىق ۋاقىتتا «ئىتتىرىپ قويۇش»رولىنى ئوينىغان.
ماۋزېدۇڭ كېيىن چەتئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەندە ، بۇنداق دېيىشنىڭ پەقەت سوۋىت ئىتتىپاقى تەرەپنى «جىددىيلەشتۇرۇش »ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خىروششېفمۇ 15-سىنتەبىر بىر ياپونىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە ، بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرغان.
ماۋزىدۇڭ يوقارىقى سۆزلەردىن باشقا جەھەتتىن چۈشۈنىشكىمۇ بولىدىكەن. ئۇ چىگرا سۆھپىتىدىن كېيىن مەسىلىنىڭ يىتەكچى پىرىنسىپىغا نارازى بولغان، پىرىنسىپ مەسىلىسىدە لىيۇشياۋچى ، جوۋ ئېنلەي قاتارلىقلارنى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن قايتىدىن كېڭىشىشكە ئۈندىگەن بولىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved