يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى

بەش كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئاياغالاشقاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسمى 17-ماي كېچىدىن 18-ماي سەھەرگىچە يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا كېچىلەپ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، ھۇجۇم نىشانى قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى ئادېن شەھىرى قاتارلىق جايلىرىدىكى نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئارمىيەدىكى ئەربابلار ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى توشۇپ بىر سائەتتىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسمى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى كونترول قىلىۋالغان ئادېندىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ۋە قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى، سابىق زۇڭتۇڭ سالىھ ئارمىيەسىنىڭ بىر بازىسىنى بومباردىمان قىلغان
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئادېن ئايرودۇرۇمىنىڭ ئەتراپى ۋە گېلمەكسەر، كىرت قاتارلىق جايلاردا پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.
ماينىڭ بېشىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى بەش كۈن ئۇرۇش توختىتىپ، قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىشىگە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. يەمەن ۋاقتى 12-ماي سائەت 23،بېيجىڭ ۋاقتى 13-ماي سەھەر سائەت تۆتتە ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغان، 17-ماي سائەت 23تە، يەنى بېيجىڭ ۋاقتى 18-ماي سەھەر سائەت تۆتتە ۋاقىت توشقان. ئۇرۇش توختىغان مەزگىلدە، پارچە-پۇرات ئېتىشىشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان.
بەزى ياردەم تەشكىلاتلىرى مۇنداق دېدى: بەش كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە يەمەنگە يېتەرلىك ئاشلىق، يېقىلغۇ ۋە داۋالاش ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش تەس. توقۇنۇش بولۇۋاتقان بەزى جايلاردىكى ئاھالىلەر ئەڭ ئەقەللىي ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا ئېرىشەلمىدۇق، دەپ قاخشىماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ئىسمايىل ئۇرد شەيخ ئەھمەد 17-ماي توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى يەنە بەش كۈن ئۇزارتىپ، يەمەنگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم ماددىي ئەشيالىرى يەتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش قۇسەي قوراللىقلىرىغا باغلىق، دېدى.
قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى شەرىف لوقمان مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قارشى ئالىمىز. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئاممىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش تەشەببۇسىنى قارشى ئالىمىز.

ئادېننى ھازىر قۇسەي قوراللىقلىرى كونترول قىلىپ تۇرماقتا. ئادېن سەھىيە تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ھەيدەر راسۋار: 17-ماي ئادېندىكى توقۇنۇشتا تۆتەيلەن قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 39 ئادەم يارىلاندى بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى بالا ۋە تۆت ئايالمۇ بار دېدى.
راسۋارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۆتكەن 50 كۈندە ئادېندىكى ئاھالىلەر ۋە زۇڭتۇڭ ھادىنى قوللايدىغان ئەسكەرلەردىن 617 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 76 ئايال ۋە بالا بار ئىكەن.
ئادېندا يارىلانغانلار ئۈچ مىڭدىن ئاشىدۇ. كۆپ قىسىم دوختۇرخانىلاردا تۇرماقتا پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، چۈنكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى قالايمىقان بولغاچقا، نۇرغۇن دوختۇرلار قېچىپ كەتكەن ئىدى.
يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى ئۇزۇن يىل يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا ئۆلكىسىنى ئىگىلەپ تۇرماقتا. ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە قۇسەي قوراللىقلىرى پايتەخت سانانى كونترول قىلىۋالدى. بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان، قۇسەي قوراللىقلىرى يەمەن زۇڭتۇڭىنىڭ مۇھاپىزەت ئەترىتى بىلەن توقۇنۇشتى ھەمدە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئىگىلىۋالدى، ئارقىدىن زۇڭتۇڭ ھادى ۋە كابىنېت ئەزالىرىنى نەزەربەند قىلدى. ھادى نەزەربەنتتىن قۇتۇلۇپ ئادېنغا قېچىپ باردى، ئارقىدىن يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قېچىپ كەتتى.
26-مارتتىن بۇيان، يەمەن ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت قىسمى يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، بۇ تەشكىلاتنى ئىگىلىۋالغان يەمەننىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى قايتۇرۇش ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قېچىپ كەتكەن يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ دۆلەتكە قايتىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇشقا مەجبۇرلىدى. بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان ھاۋا ھۇجۇمىدا يەمەندە ئاز دېگەندىمۇ 1400 ئادەم قازا قىلدى، تۆت مىڭدەك ئادەم يارىلاندى. نەچچە يۈز مىڭ ئادەم يۇرت ماكانلىرىنى تاشلاپ سەرگەردان بولۇپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن يەمەندە ئېغىر دەرىجىدە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى كېلىپ چىقتى.



خەتكۈچلەر:
21-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    گۇگىل نۆۋەتتە «Area 120» دەپ بىر بۆلۈم قۇرغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشلىتىدىكەن، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى Don Harrison ۋە Bradley Horowitz بۇ بۆلۈمنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ئىك...
30-04-2016
    « يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى » 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى» خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند خەلقىنىڭ قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، سېمىزلىك يۈرەك قان تومۇر ...
30-04-2016
     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تايلاند شاھزادىسى دىپاڭكورن (Dipangkorn Rasmijoti) نىڭ 11 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى ۋەلىئە...
30-04-2016
ئىككى يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ قولىدا يېمەكلىك ئورايدىغان بىر پارچە قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى خادىملارنى ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىشل...
30-04-2016
4-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى : دىپلوماتىيە مىنىستى...
30-04-2016
    شىنخۇا ئاگېنىتلىقى لوس ئانجېلېس 29-ئاپرېل تېلگىراممىسى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەلباش نامزاتى دونالىد ترامپ 28-ئاپرېل كالفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورەيىنىج ناھىيىسىدە سايلام رىقابىتى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ي...
30-04-2016
    «يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ھەمكارلىقى كاتىبات باشقارمىسى2016-يىلى 4...
30-04-2016
شىنخۇا تورى تېز خەۋىرى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پايتەختى باغداد ئەتراپىدا 30-ئاپرېل ماشىنا بومبا پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلىپ، 25 ئادەم يارىلانغان. خەۋەر قىلىنىشى...
30-04-2016
    كورىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گىيۇنھى 29- ئاپرېل چوڭۋادى شەھىرىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى قوماندانى كورتىش. سىكارپارورتىغا ۋەتەنپە...
30-04-2016
    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 29-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكا ستېننىس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنىڭ شىياڭگاڭنى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان. ستېننس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى يېقى...
Powered by Leglek