سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.لىۋىيە يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،لىۋىيە خەلق ئارمىيىسىنىڭ پايتەختنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتى باشلانغان .
لىۋىيە خەلق ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابى بايانات ئېلان قىلىپ ،پايتەختتىكى خەلق ئەسكەرلىرى لاگېرى قوماندانلىق ئورنى ،ئوق دورا ئىسكىلاتى ۋە تېررورچىلار تۇرار جاي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەلق ئارمىيىسىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .ئۇنىڭدىن بىر كۈنى ئىلگىرى خەلق ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى خەلق ئارمىيىسىنىڭ لىۋىيىنىڭ غەربىگە كۈرەشچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ،ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنىڭ پايتەختنى ئازاد قىلىشتىكى تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكى ھەربىي ئەسلىھەلەردىن باشقا يەنە ترىپولى قاتارلىق جايلاردىكى ئايروپورت ۋە پورتلارنىڭمۇ ھاۋا ھۇجۇمى نىشانى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى .
پايتەخت تىرىپولى بۇ يىل ئاۋغۇستتا دىنىي كۈچلەرنى قوللىغۇچى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرى بولغان تىرىپولىنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى شەرقتىكى كىچىك بازار توبروتقا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى .ئۆكتەبىردىن بۇيان لىۋىيە خەلق ئارمىيىسى كەينى كەينىدىن بىر قىسىم دەھرىلىكنى قوللىغۇچى قوراللىقلارنى يىغدى ھەم دىنىي كۈچلەرنى قوللىغۇچى قوراللىقلىرى ئىگىلىۋالغان جايلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئورۇندى .نۆۋەتتە خەلق ئارمىيىسى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بىغازىنىڭ كۆپ جايلىرىنى قايتۇرۇۋالدى .ئۇلارنىڭ يەرلىك دىنىي خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشى تېخى توختىمىدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved