ئىراق مىنىستىر باشلىقى Adel Abdul Mahdi 1 يەكشەنبە قاھىرەدە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر يېغىن مەزگىلدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، گەرچە دۇنيا نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) داۋاملىق 12- ئاينىڭ4- كۈنىدىكىگە ئوخشاش مەھسۇلات مىقدارىغا چەك قويماسلىق قارارىنى چىقاردى. ئۇ يەنە تولۇقلاپ، ئەگەر مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش ئارقىلىق نېفىت باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولسا، چوقۇم OPEC غا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم ھەركىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
Mahdi نىڭ ئېيتىشىچە، "بىز بىر ھەقىقىي دۇنيادا تۇرۋاتىمىز، OPEC بىردىنبىر ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ ئەمەس، ھەم بىردىنبىر تەسىر كۆرسىتىش ئامىلى ئەمەس. شۇڭلاشقا بىز چوقۇم باشقا تەرەپلەرنىڭ قانداق قارار چىقىردىغانلىقىغا قاراپ بېقىشىمىز كېرەك، مەسىلەن روسىيە ۋە ئامېرىكا ھەم باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر" دەپ ئېيتتى.
ئۇ يەنە كۆرسەتمە بېرىپ،" OPEC مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش قاتارلىق قارارنى پەقەت يالغۇز چىقارسا بولمايدۇ، چۈنكى باشىقا دۆلەتلەر مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. بىز ياكى بىرلىكتە مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىپ، نېفىت باھاسىنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك، ياكى يەنە ساقلاپ بېقىشىمىز كېرەك." دەپ كۆرسەتتى.
Mahdi يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ: "بىز OPEC نىڭ ئىلگىركى ساۋاقلارنى تەكرارلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك، شۇنداق بوپ قالسا، گەرچە مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتكەن تەقدىردىمۇ، نېفىت باھاسىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە نۇرغۇن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپلەر مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرغانلىقتىن، بىز 12- ئايدىكى يىغىن قارارىنى ساقلاپ قالىمىز." دەپ ئېيتتى.
بۇلۇنتې قەرەللىك نېفىت باھاسى ئالدىنقى ھەپتە جۈمە ھەر باكى 37 دوللارنىڭ تۆۋىنىدە بازار يېپىلىپ، 6 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىكى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى.
Mahdi ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈمۈد قىلدىغانلىقىنى، لېكىن "بۇ ئەتىلا يۈز بېرىدىغان ئىش ئەمەس" دەپ قارايتتى. ئۇ: " نېفىت باھا ھالىتى ۋە نۇرغۇن نېفىتلىكلەرنىڭ تەننەرخى ئانچە ماس كەلمەيدۇ، بۇنىڭ ئاساسى يوق." دەپ ئېيتتى.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.4753 يۈەن؛
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved