بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى 2014-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك كاساتلاشتى. رۇسىيە، ئۇكرائىنا توقۇنۇشى سەۋەبلىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى بىلەن خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى، رۇبلى كىرزىسى ۋە باشقا بىر قاتار ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى. «دۇنيا زاۋۇتى» بولغان جۇڭگومۇ بۇ خىل ئىقتىسادىي كاساتلىشىشنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئەلۋەتتە، رايونىمىز شىنجاڭدىكى ھەر بىر كارخانا-كارخانىچى، جۈملىدىن سودىگەر، تىجارەتچىلەردىن تارتىپ، ئاددىي ئېستىمالچىلارغىچە بۇ ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە بىلىپ-بىلمەي ئۇچرىماقتا. پەرەز قىلىنىشىچە، 2015-يىلىمۇ دۇنيا ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى كاساتلىق داۋاملىشىدىكەن.ئگىلىك تىكلەش كىشىلىك ھاياتتىكى كاتتا ئىش. ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى سوغۇققانلىق بىلەن تەمكىن ئولتۇرۇپ، ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىنكى تىرىشىشتىنمۇ مۇھىم. دېمەك، «ئىستراتېگىيە خاتا بولىدىكەن، تاكتىكا ھەرقانچە توغرا بولغىنى بىلەنمۇ بىكار».
بىرىنچى، تىجارەت رىسالىلىرىدىن شەخسلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى بىلەن ئۇلار سالغان مەبلەغنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنىڭ ھېچقانداق باغلىنىشى يوقلۇقى ئايان بولدى. بېل گايتىسنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىپ مىكروسوفتنى بەرپا قىلىشى، خېۋلېت بىلەن پاككاردنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوموبىل قويىدىغان ئۆيىدە «HP» شىركىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى، لى جياچېڭنىڭ تۇنجى پايدىنى سۇلياۋ گۈلدىن تېپىشى قاتارلىقلار ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى دەيدىغان نەرسە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان. شۇڭا، ئىگىلىك تىكلەشتە مەبلەغ قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەيدىغان قاراشقا چىڭ ئېسىلىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ.
ئىككىنچى، چوقۇم جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسىپلەر ساھەسىگە كىرىش كېرەك، دەيدىغان تەپەككۇر - نۇرغۇن ئادەمنى ئوڭدا قويغان ئېزىتقۇ تەپەككۈردۇر. دەرۋەقە، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسىپتە پۇرسەت ئەلۋەتتە كۆپ بولىدۇ، ھەتتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر نەچچە كاتتا بايمۇ بارلىققا كېلىدۇ. بىراق، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇنداق كەسىپ، بۇ خىل ساھەدىمۇ رىقابەت ئاجايىپ كەسكىن. رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىپ بولغىچە قاقسەنەم بولۇپ كېتىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مىكروسوفتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل ئاشۇنداق ئېچىنارلىق كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق ئاران-ئاران قولغا كەلگەن. «ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە» كەسىپ - ساھە ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى قىزىقتۇرىدۇ، جەلپ قىلىدۇ. مەسىلەن، سىز شۇ كەسىپ ياكى ساھەگە قىزىققىنىڭىز بىلەن گەپ شۇنچە نۇرغۇن ۋە ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرى ئارىسىدىن قانداق ئۈزۈپ چىقىپ، مەنزىلىڭىزگە يېتەلىشىڭىزدە.
ئۈچىنچى، ھەممە يەرنى چىتلاپ، ھەممە ئادەمنىڭ چۆنتىكىگە كۆز تىكىشتىن ئىبارەت ئېزىتقۇ تەپەككۇرنى چۆرۈپ تاشلاش لازىم.
ماك دونالد بېلىق قانىتى سېتىپ پۇل تاپسا بولامدۇ-بولمامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭ پايدىسى يۇقىرى كەسىپ-تە! بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ يەر ئاستى قەۋىتىنى ئاددىي مېھمانخانىغا ئۆزگەرتىپ، كىرىمى ئاز كىشىلەرگە تۆۋەن باھادا ئىجارىگە بېرىش ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوق؟ شۇغىنىسى، كوچىدىن بارلىق خېرىدارلارنى تارتىشتۇرۇپ مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرىش – ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكۈچىلەرگە چاڭ سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق قىلىش ئاخىر بېرىپ ئەسلىدىكى خېرىدارلىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويىشى مۇمكىن. ئىگىلىك يارىتىشتا توغرا نۇقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىلغان تۇنجى قەدەمدىن ئىبارەت. نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلاردىن، ئاز مەبلەغلىك ئىگىلىك ياراتقۇچىنىڭ قاچانلا بولمىسۇن يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ پۇلىنى تاپىدىغانلىقى، تېخىمۇ ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. نىشاندىكى خېرىدارلار توپىنى قانچە تارايتقاندا، ئۇلارنى شۇنچە چىڭ تۇتىۋالغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ ساتقاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، دەيدىغان تەپەككۇرنى چۆرۈپ تاشلاش لازىم. رىقابەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ ساتقانچە يۈكسەك ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن يۇقىرى سوممىلىق مەبلەغنى تېخىمۇ كۆپ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، خەلقئارادىكى داڭلىق زەنجىرسىمان تاللا بازىرى شىركىتى ۋولمارتنىڭ يەرشارىلاشقان سېتىۋېلىش سىستېمىسى، مال ئوبوروتى سىستېمىسى سۈنئىي ھەمراھتىن يەتكۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئومۇمىي تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە ئېھتىياجلىق. ئەگەر تاللا بازىرى ئاچسىڭىز، تەننەرخنى مەڭگۈ «ۋولمارت» نىڭكىدىنمۇ تۆۋەنلىتەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنداق ئەھۋالدا سىز قانداق قىلىپ تىركەشمەكچى؟ ئىگىلىك ياراتقۇچى دەسلەپكى مەزگىلدە نەزىرىنى يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە بەند قىلغاندا ناھايىتى ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە كېرىكى تەننەرخنىڭ تۆۋەن بولۇشى بولماستىن، «ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش» تىن ئىبارەت. شۇڭا، ئىگىلىك ياراتقۇچى ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ ساتقانغا قارىغاندا كۆپ پايدا ئېلىپ ئاز ساتسا، ئەكسىچە ئاسانلا يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved