شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 12-نويابىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-نويابىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى .
سۆھبەت باشلانغاندا ، شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : بۇلتۇر 6-ئايدا بىز ئەننېنبېرگ قورۇقىدا ئۇچرىشىپ ، جۇڭگو– ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشىقا ئورتاق تىرىشىچانلىق كۆرسىتىشكە بىردەك قوشۇلغانىدۇق . بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىككى تەرەپ بىز ئىككىمىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقتا ئاكتىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى .
بۇلتۇر ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 520 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى ، قوش يۆنىلىشىلىك مەبلەغ جۇغلانمىسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى ، خادىملارنىڭ ئالاقىسى تۆت مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى . ئىككى دۆلەت كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ، ئېبۇلا ۋىروسىغا قارشى تۇرۇش ، تېررورىزمغا قارشى زەربە بېرىش كېرەك . ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقى ، گۈللىنىشىنى قوغداشقا پايدىلىق .
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : بۇ يىل جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى . 35 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا . نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە ، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىشىشى ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئىمكان بار كېڭەيتىشى كېرەك .
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشنى ، توقۇنۇشماسلىق ، قارشىلاشماسلىق ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق بېيىشتەك پىرىنسىپنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىن ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنى تېخىمۇ زور مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ . مەن سىز بىلەن بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved