بالىلار بېرىلىپ ئويناۋاتقان، ئارام ئېلىۋاتقان ياكى كۆڭۈل قويۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقاندا ئۆيدىكى ئۈن ئالغۇ، تېلېۋىزورنىڭ يۇقىرى ئاۋازى، چوڭلارنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا قىلغان كۈلكە-چاقچاق، پاراڭلىرى ۋە زاۋۇت، ئاپتوموبىللاردىن چىققان ئاۋازلار ۋە باشقا قۇلاققا يېقىمسىز ئاۋاز، شاۋقۇن-سۈرەنلەر بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ %40تىدە ئۆيدىكى ئۇنئالغۇ، تېلېۋىزورنىڭ شاۋقۇنى، چوڭلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى سەۋەپلىك نېرۋا ئاجىزلىق، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىچى تىتىلداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ «تېلېۋىزور شاۋقۇن كېسەللىكى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بەزى ئاتا-ئانىلار ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپلا ئۇنئالغۇنى بولۇشىغا قويىدۇ ھەم تېلېۋىزور كۆرىدۇ. ئەگەر بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ياتاق ئۆيلىرى بىللە بولۇپ، ئۇنئالغۇ، تېلېۋىزورلار يۇقىرى ئاۋازدا داۋاملىق قويىلىۋەرسە، بالىلار شاۋقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئىنكاسى ئاستىلاش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، يۈرەك ھەركىتى رېتىمسىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
بالىلار دائىم شاۋقۇن ئىچىدە غىزالانسا ھەزىم قىلىش شۆلگەيلىرى ئازلاپ كېتىدىكەن ھەم ئاڭلاش سەزگۈرلىكى ئاجىزلىشىدىكەن. بالىلارنىڭ ئاڭلاش سەزگۈرلىكىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى.
بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تىنىچ، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، ئۆزلىرى تېلېۋىزور كۆرۇپ، ئۇنئالغۇ ئاڭلىماقچى بولسا، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە دەم ئېلىشىغا ھەرگىز تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەككەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved