ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋول كوچىسى گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 6-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى ۋە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش مەسلىسىدە ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىينىغا خەت يازغان.
خەۋەردە ئالاقىدار خەۋەر قىلغۇچى ئەربابنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئوباما خېتىدە ئىراق ۋە سۈرىيە تەۋەسىدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە ئورتاق قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەسىلىدە قانداق ھەمكارلىشىشنىڭ ئاساسلىقى ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەلتە دۆلەتنىڭ 24-نويابىردىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇددەتتە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved