15-مارت ئامېرىكا سايلىمىنىڭ پارتىيە ئىچى ئالدىن سايلىمى ھالقىلىق بىر كۈننى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئىش ئورنىدىكى ياردەمچى تەتقىقاتچى دياۋ دامىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىرامپ غەلىبىگە يەنىمۇ يېقىنلاشقان.
ئىلگىرى رومنېي ۋە ماككائېن پارتىيە ئىچىدە ئىتتىپاق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تىرامپنى توسۇماقچى بولغان، لېكىن بۇ ئۈنۈمىنى كۆرسەتمىگەن. دياۋ دامىڭنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىقتىدارلىقلىرى تىرامپنى توسۇش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەلۇم بىر نامزاتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تىرامپ ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزگىرىشكە ۋەدە بەرگەن، بۇ ئۇنىڭ ھالقىلىق ئىشتاتلاردا غەلىبە قازىنىشىغا ئاساس بولغان.
گەرچە قىسمەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر تىرامپنىڭ نامزات بولۇپ قېلىشىدەك ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئادەم ئالماشقان تەقدىردىمۇ ئىش ئاسانلاشمايدۇ. يېقىندا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىرېبايس ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئويۇن قائىدىسىگە يەنىلا رىئايە قىلىنىدىغانلىقى، كىم ئەڭ ئاخىرىدا قائىدە بويىچە غەلىبە قىلسا، شۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved