ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابىشىنزو كابىنېتىدىكى بەش ۋەزىر ياسوكونى ئىبادەتخانىسىدا كۆتۈرۈلىۋاتقان نەزىر چىراغقا قاتناشقان.ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇ پائالىيىتى 13-ئىيۇل باشلانغان، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىدىكى ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئىكەن. ياسوكونى ئىبادەتخانىسىدا چوڭ كىچىك بولۇپ ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ 30 مىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان. ئابىشىنزو كابىنېتىنىڭ قانۇن ئىشلىرى ۋەزىرى، دېھقانچىلىق ئورمانچىلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋەزىرى، گۈللەندۈرۈش ۋەزىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ئىسلاھات ۋەزىرى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىدىكى ئەرۋاھ تاختىلىرىغا پانۇس قويدى. ئۇلار ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. ھەمدە ئەتىيازلىق كۈزلۈك نەزىر چىراغتا كۆپ قېتىم ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغان.
بۇ پائالىيەت 1947-يىلى باشلانغان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ كونا بايرىمى ئالۋاستىنى قوغلاش بايرىمىدىن كەلگەن. ياسوكونى ئىبادەتخانىسى ھەر يىلى 13-ئىيۇلدىن 16-ئىيۇلغىچە نەزىر چىراغ پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، تەخمىنەن 300 مىڭ كىشى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ تاۋاپ قىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ قىسمەن سىياسىئونلىرى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ ئەرۋاھ تاختىلىرىغا پانۇس قويىدۇ.
ياپونىيە كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان:مەن 5-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا جۇڭگونىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا مېنىڭچە ئابىشىنزو ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى قايتا تاۋاپ قىلمايدۇ،دېگەن.تەھلىل قىلىنىشىچە،بۇ ياپونىيە جۇڭگو باشلىقلىرى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا پارتىيىدىن ھالقىغان تەشكىلات جۇڭگو ياپونىيە دوستلۇقى پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئۇ جاڭ دېجياڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: جۇڭگونىڭ ئابىشىنزونىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە 11-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە ياپونىيە جۇڭگو باشلىقلىرى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن.
شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ياپونىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېدى: ئابىشىنزو كابىنېتىدىكى بەش ۋەزىرنىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا قويۇلغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسىغا پانۇس قويۇشى جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭىدىن زىيان يەتكۈزىدۇ. ياپونىيە يېقىندا ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. بىراق كابىتتىكى بەش ۋەزىرنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشى ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى داۋاملىق تاۋاپ قىلىدىغانلىقى،خاتا تارىخى قاراشتا بولىدىغانلىقى، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى سەمىمىيىتىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ياپونىيە يۇقىرى قاتلىمى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئويى بارلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرا قويۇشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر ئابىشىنزو ھەقىقەتەن ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلماسلىقنى قارار قىلسا ئۆزى ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك. مۇنداق زور مەيدان مەسىلىسىدە باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن سۆز قىلىشى سەمىمىيىتىنىڭ قىلچىمۇ يوقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، باش ۋەزىر دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرىنى تەيىنلەيدۇ ۋە ئۇنى ۋەزىپىسىنى قالدۇرالايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا باش ۋەزىر كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. شۇڭا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ئېيتقاندەك ئابىشىنزو ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى قايتا تاۋاپ قىلماي مەيدانىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتكەن بولسا، ئۇنىڭ كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش ھوقۇقى بار ئىدى. لېكىن كابىنېتتىكى بەش ۋەزىرنىڭ قىلمىشلىرى ئابىشىنزونىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسى مەسىلىسىدە يەنىلا ئىلگىرىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەقىقەتەن ياخشىلىماقچى بولسا، يۇقىرىقى كۆز بويامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللانماسلىقىغا ئاگاھلاندۇرىمىز.
ياپونىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرگە قارىغاندا: ئامېرىكا ۋاقتى 12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ھاۋايغا يېقىن دېڭىزدا ياپونىيە دېڭىزدا قوغدىنىش ئوفىتسېرى قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالتە دۆلەت قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن. لېكىن جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ دېڭىزدا داۋالاش تىنچلىق ناملىق پاراخوتى قاتناشمىغان. بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى تىنچ ئوكياننى ئايلىنىش بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ياپونىيە دېڭىزدا قوغدىنىش قىسمى 3-مۇھاپىزەت توپى قوماندانى ياپونىيىلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى مانېۋىرىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق خادىملار ياپونىيە دېڭىزدا قوغدىنىش قىسمىنىڭ خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىش سەۋەبىدىن ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى يېتەكچىلىكىدىكى بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved