شىنجاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ 27 – كۈنى رەسمىي تەتىل قويۇپ بىرىدۇ ، 2 – ئاينىڭ 27 كۈنى ئوقۇش باشلايدۇ .
1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، ھەر قايسى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ( مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان تولۇق ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا ) ھەر قانداق شەكىلدىكى پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ، پۈتۈن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلدە دەرىس تولۇقلاش پائالىيىتىگە تەشكىللەشكە بولمايدۇ . شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ دەرىس تولۇقلاشقا پۇل يىغىشنى پاش قىلىش تېلېفونى : 2956089
شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل خادىمىنىڭ بىلدۈرىشىچە ، مەكتەپتە دەرىس تولۇقلاشنى چەكلەش بولسا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زىمىسىدىكى ئېغىر يۈكنى يېنىكلىتىش ، ھەر قايسى مەكتەپلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا قىزىقىش ، ئالاھىدىلىكىگە ئاسان ھەر خىل تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى .
مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەكرار سىنىپىلىرىغا تەشكىلەش ياكى سەپەرۋەرلىك قىلىشقا بولمايدۇ . جەمئىيەت كۈچى ئوقۇشقا تەشكىلەش ئورگانلىرى ھازىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ . پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرىس ماتېرىيالى بويىچە ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved