ھازىرغا قەدەر، شياۋۋۇ بىلەن قىز دوستى ئوتتۇرسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى داۋاملاشقىلى يېرىم ئايدىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، قىز دوستى كۇاڭ خېنىم «تۇنجى سۆيگۈنى»نى ئۇنتالمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان. شياۋۋۇ بىلەن كۇاڭ خېنىم مۇھەببەتلەشكەندىن باشلاپ، قىز دوستى دائىم ئۇنىڭ ئالدىدا «تۇنجى سۆيگۈنى»نىڭ باي، قاملاشقان ئىكەنلىكىنى كۆز- كۆز قىلغان. دەسلەپتە شىياۋۋۇنىڭ كارى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن قىز دوستى بارغانچە ھەددىدىن ئاشقان، ئاخىرى شياۋۋۇ چىدىماي قىز دوستى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغان. ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن، سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى باشلانغان.
تۇيۇقسىز ئۇ قىز دوستىنىڭ ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىنى «تۇنجى سۆيگۈنى»نىڭ سۈرىتىگە ئالماشتۇرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. بۇ شىياۋۋۇغا قاتتىق زەربە بولغان. ئۇ قىز دوستى بىلەن يارىشىپ قالماقچى بولغان بولسىمۇ قىز دوستىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
مۇخبىر بۇ ئىككىيلەننى زىيارەت قىلغاندا، شىياۋۋۇ: ئۆزىنىڭ قىز دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتكۈسى يوقلۇقىنى، توي قىلىش ئۈچۈن ئۆيمۇ ئېلىپ بولغانلىقىنى، پەقەت قىز دوستىنىڭ دائىم «تۇنجى سۆيگۈنى»نىڭ خىزمەت ئورنى، بايلىقىنى سۆزلەپ، ئۇنى ئىلاھتەك تەسۋىرلەپ، ئۆزىنى چۈشۈرگەنلىكىگە چىدىماي ئۇرۇشۇپ قالغانلىقى ۋە رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن تېلېفون قىلسا قىز دوستى ئالمىغانلىقىنى ھەمدە، قىز دوستى «تۇنجى سۆيگۈنى» بىلەن تېپىشىۋالغان بولسىمۇ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقنى، ئۆزىنىڭ بۇنداقلا بەل قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كۇاڭ خېنىم: ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قېلىپ خېلى ئۇزۇنغىچە شياۋۋۇنىڭ ئۇنى ئىزدىمىگەنلىكى، شىياۋۋۇ ئالغان ئۆيگە كۇاڭ خېنىمنىڭ ئسىمىنى يازمىغانلىقىدىن ئۇنى ئايرىلىپ كەتكۈسى باركەن دەپ ئويلىغانلىقىنى، ھەمدە، ئاللىقاچان «تۇنجى سۆيگۈنى» بىلەن قايتىدىن تېپىشىۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى پىسكاتاۋاي، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روگس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
|
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved