جوڭشىن تورى خەۋىرى،11-ئاينىڭ 27 –كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3ئەتراپىدا،گۇاڭشى نەننىڭ شەھەرلىك جىياڭنەن رايونىدىكى خۇالىيەن تاللا بازىرىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،9 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ مۇخبىرغا بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى. نەننىڭ شەھەرلىك2-خەلق دۇختۇرخانىىدىكى بىر دۇختۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،9 نەپەريارىلانغان ئادەم جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەن.
ۋەقە يۈز بەرگەن تاللا بازىرىدىكى بىر باشقۇرۇش خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،شۇ ۋاقىتتا سالاھىيىتى ئېنىق بوممىغان بىر ئادەم پىچاق كۆتۈرۈپ تاللا بازىرىدىكى ئىشچى_خىزمەتچى ۋە خېرىدارلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ،ئارقىدىنلا سودا-ساراي سىرتىغا چىقىپ قاتىللىق قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرغان .ئۇمۇمىي 9 ئادەم يارىلانغان ھەندە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەن،.بۇ باشقۇرۇش خادىمىنىڭ دېيىشىچە ،ۋەقە يۈز بەرگەندە سودا-ساراي 110 غا دېلو مەلەم قىلغان،شۇنداقلا ئامانلىق ساقلىغۇچى بىر قاتىلنى تىزگىنلىگەن.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نەننىڭ شەھەرلىك جىياڭنەن شۆبە ساقچى ئىدارىسى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ،دېلو بىر تەرەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved