كۆزەتكۈچى تورى خەۋىرى :لەگلەك تورى تەرجىمىسى
تەخمىنەن 1400 يىل ئىلگىرى، تاڭسىڭ غەربكە نوم ئالغىلى بارغاندا، ھىندىستاندىكى بىخاردا بۇددا دىنىي ھەققىدە بىلىم ئاشۇرغان ئىدى. بۇ يىل 9.ئاينىڭ 1.كۈنى، تاڭسىڭنىڭ ئانا مەكتىپى نالاندا ئۇنۋېرسىتىتى 800 يىل ۋاقىتتىن كېيىن دەرس ئۆتۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۇنجى تۈركۈمدە 15 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ قەدىمىي مەدرىسكە بىلىم ئاشۇرغىلى كىردى.
ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 1.سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قەدىمقى ئىلمىي ئورگان نالاندا ئۇنۋېرسىتىتى 9.ئاينىڭ 1.كۈنىدىن باشلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 40 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 1000 نەپەر ئىلتىماس قىلغۇچى ئارىسىدىن 15 نەپەر ئوقۇغۇچى تاللىنىپ يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇشنى باشلىغان. بۇ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇپا سابۇخالاۋارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، 2020.يىلىغا بارغاندا مەكتەپتە ئېنىستىتۇت سانى 7 گە يېتىپ، پەقەت ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرلارنى قوبۇل قىلىدىكەن، يەنە پەن-تېخنىكا، پەلسەپە، روھىيەت ۋە ئىجدىمائىي پەن دەرسلىكلىرىنى يولغا قويىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، نالاندا ئۇنۋېرسىتىتى مىلادىيە 5.ئەسەردە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نەچچە ئون مىڭلىغان ئىلىم ئىگىلىرىنى بىلىم تەھسىل قىلىشقا جەلىپ قىلغان، تاڭسىڭ دەل شۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 12.ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، تۈرك ئارمىيەسى بۇ ئالىي مەكتەپنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. نالاندا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ھىندىستان قاتارلىق ئاسىيادىكى 18 دۆلەتنىڭ ئورتاق چاقىرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved