24-ئاپرېل ، ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك قىسىمى رۇسىيەگە مايىل قوراللىقلارنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بارماقتا
رۇسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 24-ئاپرېل ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى سلاۋيانسىك شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ، شەھەر سىرتىدا ئۇرۇش قوزغىغان . ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ قېتىملىق ‹‹ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ›› تە ، ئۇكرائىنانىڭ تانكىچى قىسمى بەش نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ، ئۈچ قانۇنسىز تەكشۈرۈش پونكىتىنى تازىلىغان . ئارقىدىن ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇ ئىشلارغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ : ‹‹ ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا ھەربىي كۈچ ئىشلەتكەنلىكى ئاممىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئېغىر جىنايەت ، بۇ قارارنى چىقارغانلار ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدۇ ›› دېگەن .
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 24-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، موسكىۋانىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ، بىراق ، ۋاشىنگىتوننىڭ قىرىم مەسىلىسىدىكى ‹‹ ئاساسسىز ، دەلىل-ئىسپاتى يوق ›› ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved