فرانسىيە «فىگارو» گېزىتىنىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، غەرب ئاخبارات ئورگىنى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە، ئىراق ۋە لىۋىيەدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق پاسپورتنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى، بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ بۇ پاسپورتلاردىن پايدىلىنىپ مۇساپىر سىياقىدا ياۋروپاغا سىڭىپ كىرىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
گېرمانىيە «يەكشەنبىلىك دۇنيا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى سۈرىيە، ئىراق ۋە لىۋىيەدىكى ئاممىۋى، مەمۇرىي ئورگانلارنى ئىشغال قىلىپ، بۇ ئورگانلاردىكى مۇھىم ھۆججەت ۋە باشقا بۇيۇملارنى بۇلاپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە پاسپورت ۋە كىملىك ياساش ئۈسكۈنىسى بار، دېيىلگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى قاراڭغۇ بازاردا يۇقىرىقى پاسپورتلارنىڭ ساختىلىرىنى 1000 ياۋرودىن 1500 ياۋروغىچە ساتقان، غەرب ئەللىرى بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ بۇ پاسپورتلاردىن پايدىلىنىپ ياۋروپاغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved