‹‹ ياپون ئىقتىساد خەۋەرلىرى ›› نىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدىكى مەلۇم بىر يېمەكلىك شىركىتى 30 مارتتا ھېچقانداق پۇرىقى يوق، كۆزنى ئېچىشتۇرمايدىغان باش پىياز يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خىل باش پىيازنى خام يېسىمۇ بولىدىكەن، قولدا غەيرى پۇراق قالمايدىكەن، كۆزنى ئېچىشتۇرمايدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ شىركەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ پىيازدىكى كىشىنى يىغلىتىدىغان ئېنزىملار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. گەرچە بۇ خىل باش پىيازنىڭ بەزى بىر تەركىبلىرىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما باش پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. نۆۋەتتە، مەزكۈر شىركەت بۇ خىل پىيازنى مەھسۇلات ئورنىدا ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىش توغرىسىدا تېخى ھېچقانداق قارار چىقارمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved