ئامېرىكا قوشما شتات ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە بىخەتەرلىكى قىسىملىرى يېقىندا تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي قىسىمىدا كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق تەشكىلاتىغا تويۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 23 نەپەر كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق خادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر گۇزلى ۋە سىلوبىدا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىپ، تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا قولايلىق ياراتقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم يوقىتىلغان 23 كوراد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق خادىمى ئىچىدىكى 22 كىشى گۇزلى رايونىدىكى ھەرىكەتتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، بىر كىشى سىلوبى رايونىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە-ئىراق چېگرا رايونىغا نەچچە مىڭ ساقچى ۋە ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ يىل 7- ئايدا تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، نەچچە 100 كىشى بۇ توقۇنۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved