جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ28-كۈندىكى تېلگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا، 28-چېسلا تالىبان بايانات ئېلان قىلىپ ئامىرىكا پىرىزدېنتى ئوباما جاكارلىغان ئەسكەر چېكىندۈرۈش لايھەسىنى ئەيبلىگەن، ئۇلارنىڭ قارشىچە مەزكۇر لايھەدە ئېيتىلغاندەك ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كىيىن يەنىلا 10مىڭغا يېقىن ئامىرىكا ئەسكىرىنىڭ ئافغانىستاندا قېلىپ قېلشى ئافغانىستان تۇپرىقنى ‹‹داۋاملىق بېسۋېلىش›› بۇلۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
27-چېسلا ئامىرىكا پىرىزدېنتى ئوباما جاكارلاپ، بۇيىل يىل ئاخىردىن باشلاپ ئامىرىكا ئافغانىستاندىن پۈتۈن ئەسكىرى كۈچىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن يەنە 9800 نەپەر ئامىرىكا ئەسكىرى ئافغانىستاندا قېلىپ قالدىكەن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى داۋاملىق ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرنى تازلاش ۋە ئافغانىستان ئارمىيسىنى مەشىقلەندۈرۈش ئىكەن.
2015-يىلنىڭ ئاخىرغا بارغاندا ئافغانىستاندا قېلىپ قالدىغان ئامىرىكا ئەسكىرنىڭ سانى 5000 ئازىيدىكەن،2016-يىلنىڭ ئاخىرغا بارغاندا ئەسكەر سانى 1000 ئازىيدىكەن، شۇ ۋاقىتقا بارغاندا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئامىرىكنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسنى قوغداشقا ئالمىشدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved