شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن فېلىپىندىكى قىسمەن ئەل ئارا تەشكىلات يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزدى ،ئۇلار پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ،ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ فېلىپىندا ھەربي بازا قۇرۇشىغا يول قويمايمىز ،بىز ئوبامانى قارشى ئالمايمىز دېگەندەك شۇ ئارلارنى توۋلاپ ،ئۆزلىرىنىڭ غەزەپلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى .بىر نەچچە كۈندىن بۇيان فېلىپىندىكى ئەل ئارا تەشكىلاتلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۋاتىدۇ ،ئۇلار مۇنداق دېدى :‹ ئامېرىكىنىڭ ھەقىقى مەقسىتى ،ئەركىن دۆلىتىمىزدە ،ئەركىن ھالدا ھەربىي قىسىم ھەربىي پاراىوت ۋە ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش ھەم ئىچكى ئىشلىرىمىزنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئارىلىشىش ›.
فىلىپپىن ۋاقتى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوباما فىلىپپىن پايتەختى مانىلاغا يېتىپ بېرىپ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى ،ئوباما فېلىپىنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچتى .ئوباما يىغىدا ئامېرىكا فىلىپپىن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى .ئوباما شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بىلەن يېپىق سۆھبەتلەشتى . شۇ يەردىكى تاراتقۇلار خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى :‹ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە مۇھاكىمە قىلىنغان مەسىلىلەر ئاساسەن ئىقتىساد ،سودا قوغدىنىش ،مۇداپىئە ،بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ ›.ئوباما ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان ،مۇداپىئە ھەمكارلىقى كېلىشىمگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ فېلىپىندا مەڭگۈلۈك ھەربىي بازىغا ئىگە بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتتى .
ئۇ مۇنداق دېدى :‹ ئامېرىكا فېلىپىندىكى كونا بازىغا ا قايتا ئىگە بولمايدۇ ،شۇنداقلا يېڭى بازىمۇ قۇرمايدۇ ،فېلىپىننىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسى فېلىپىنغا بېرىپ نۆۋەت بىلەن مۇداپىئەدە تۇرىدۇ ›. فىلىپپىن ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا زىيارىتى يەنى تىنىچ ئوكياندىكى تۆت دۆلەتكە قىلغان سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ،ئوباما بۇ قېتىم ياپونىيە كورىيە مالايسىيا ۋە فېلىپىندا زىيارەتتە بولدى .ئوباما تىلغا ئالغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىىشمىنى ،ئەمەلىيەتتە ئۇ فېلىپىنغا بېرىشتىن بۇرۇنلا ،ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى مانىلادا ئىمزالاپ قويغان ، فىلىپپىن تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا باھا بېرپ :بۇ فېلىپىننىڭ ئوباماغا بەرگەن كاتا سوۋغىسى دېدى .ئۇنداقتا ئامېرىكىغا نىسبەتەن بۇ ئاتالمىش كاتتا سوۋغاتنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار ؟
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسمىن ئامېرىكىنىڭ فېلىپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن فىلىپپىن قوراللىق قىسمى باش شتابىنىڭ گازارمىسىدا ، مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمنى ئىمزالىدى ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ كېلىشىمنىڭ مۇددىتى 10يىل .فىلىپپىن كېلىشىمگە ئاساسەن ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بەلگىلەنگەن رايوندا يېڭىدىن ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ياكى ھازىرقى ئۇل ئەسلىھەنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ .ئامېرىكا ئارمىيسى فېلىپىندا ئالدىن قوراللىق ئەسلىھەلىرى ، تەمىنات ئەشيالىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئەشيالىرى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ ،بۇ ئامېرىكىنىڭ 20 يىلدىن كېيىن فېلىپىندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ يەنە قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
ئەمما كېلىشىمدە ، ئامېرىكا فېلىپىندە مەڭگۈلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇققا ياكى بازىغا ئىگە بولسا بولمايدۇ ،پەقەت فىلىپپىن تەكلىپ قىلغاندىلا ئاندىن فىلىپپىن ھەربىي ئەسلىھەنى ئىشلەتسە بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى .بۇ فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىق ساھەسىدە زىددىيەت بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .ئەمەلىيەتتە بۇلتۇر 8-ئايدىن باشلاپ ، فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ، ئامېرىكىنىڭ فېلىپىندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىش ھەققىدە كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن .ئەمما باشقۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ،ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى روشەن بولغاچقا ،سۆھبەت ئۇدا قاتماللىشىپ قالغان ئىدى .بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا سۆھبەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى ، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى :‹ فىلىپپىن بلەن ئامېرىكا ھازىرقى ھەربىي ئىتىپاقداشلىقنى مۇستەھكەملەشنى ھەم داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى .ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى› ، ئەمما ئىككىلى تەرەپنى ئويلىغانلىرى بار ، ئامېرىكا فېلىپىنىنىڭ جۇغراپىيلىك ،ئىستىراتېگىيىلىك ئورنىنى كۆزلەيدۇ ،ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا تىنىچ ئوكيانغا قايتىشىدا ھەربي تىنىچ ئوكاياندا تېخىمۇ كۆپ تەھدىت بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ .فىلىپپىن بولسا ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىت قىلىدۇ .،
فىلىپپىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى يېقىندا ،ئامېرىكىنىڭ خاميوتون دەرىجىلىك پاراخوتى ۋە F16 ناملىق نىمكەش كۈرەشچى ئايروپىلاندىن 12 نى تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى .فىلىپپىن تارىختا ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ ،ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇزۇن يىل بۇ يەردە مۇستەملىكە قىلغان .فىلىپپىن 1986-يىلى ئېلان قىلغان ئاساسىي قانۇندا ،دۆلەت زېمىنىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوشنىدار تۇرۇشىغا بولمايدۇ دەپ ئېنىق بېكىتكەن .شۇڭا 1991-يىلى ،ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئارمىيىسى فىلىپپىن زېمىندىن مەجبۇرىي ئايرىلغان ،ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئىزچىل فېلىپىنغا قايتىش مەقسىتىدە بولۇپ كەلگەن .1998-يىلى ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى زىيارەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ،2002-يىلىدىن كېيىن ئامېرىكا ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ فېلىپنىىنىڭ مەلۇم ئارىلىدا تۇرۇشقا قوشۇن ئەۋەتكەن .
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيىسى ئاتالمىش بىرلەشمە مانېۋر نامى بىلەن ،فېلىپىندىكى ھەرىكىتىنى كۆپەيتتى .بۇلارنىڭ ھەممىسى فىلىپپىن جامائەتچىلىكىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى ، بولۇپمۇ بۇ قېتىم فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ، فىلىپپىن ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى .
4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن فېلىپىندىكى قىسمەن ئەل ئارا تەشكىلات يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزدى ،ئۇلار پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ،ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ فېلىپىندا ھەربي بازا قۇرۇشىغا يول قويمايمىز ،بىز ئوبامانى قارشى ئالمايمىز دېگەندەك شۇ ئارلارنى توۋلاپ ،ئۆزلىرىنىڭ غەزەپلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى .بىر نەچچە كۈندىن بۇيان فېلىپىندىكى ئەل ئارا تەشكىلاتلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ئۇلار مۇنداق دېدى :‹ ئامېرىكىنىڭ ھەقىقى مەقسىتى ،ئەركىن دۆلىتىمىزدە ،ئەركىن ھالدا ھەربىي قىسىم ھەربىي پاراىوت ۋە ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش ھەم ئىچكى ئىشلىرىمىزنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئارىلىشىش ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved