Engadget UK تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىزنىڭ شوپۇرسىز ماشنىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتىمىز ئويلىغىنىمىزدىنمۇ يېقىن ئىكەن. ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى مۇشۇ ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى دىترويىت ماشىنا كۆرگەزمىسىدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىنىڭ تەرەققىياتىغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇ يىل 7-ئايدا دۆلەتنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا ئۆلچەم لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئوباما ھۆكۈمىتى يەنە 2017-يىلىدىكى خام چوتتىن 4 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ 10 يىللىق تۈر پىلانى تۇرغۇزۇپ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قاتناش مىنىستىرى سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا تېخنىكىسىنىڭ يېڭى دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز، بۇ تېخنىكا كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىدۇ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ».
نۆۋەتتە ئامېرىكدىكى ھەر بىر شىتاتنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىلارغا قارىتا ئوخشىمىغان بەلگىلىمىلىرى بار. بۇ خىل ئەھۋال شوپۇرسىز ماشىنا تەتقىق قىلىدىغان شىركەتلەرنى، مەسىلەن گۇگېل شىركىتىنى كۆپ خىل بەلگىلىمىگە دۇچار قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى تېخنىكىنى تەتقىق قىلغ
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved