2011-يىلى ياپونىيە دېڭىز رايونىدا 9.0 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى يۈز بېرىپ تۆت يىلدىن كېيىن فوتوگراف ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننى بۈگۈنكى ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ سۈرەتكە تارتتى
ياپونىيەدە 2011-يىلى 11-مارت شۇ يەر ۋاقتى سائەت 14:46 دە 9.0 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، تەۋرەش مەركىزى مىياگى ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدە بولغان، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر بولغان. ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى پەۋقۇلئاددە زور دېڭىز تاشقىنىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتقان. تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش 23 مېتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن 9.0 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 8133 ئادەم قازا قىلغان، 12 مىڭ 272 ئادەم يوقاپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەش بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىز تاشقىنى ياپونىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا زور زىيان ئېلىپ كېلىپ، فوكوشىمادىكى 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى زور زىيانغا ئۇچرىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved