چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا سىنگاپورلۇق رىياسەتچى سىنگاپوردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر ماتېماتىكا سوئالىنى توردا ئاشكارلاپ دۇنيا مىقياسىدا خېلى چوڭ غۇل-غۇلا پەيدا قىلغان. بۇ ماتېماتىكا سوئالىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، خېلى مەن-مەن دېگەن كىشىلەرنىمۇ گاڭگىرتىپ قويغان.
سوئالدا ئىككى ئوقوغۇچى يېڭى دوستى شېرىنىڭ توغۇلغان كۈنىنى بىلمەكچى بولىدۇ، شېرى ئۇلارغا ئوخشىمىغان ئون كۈننى دەپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەزى بىر يىپ ئۇچىنى ئەسكەرتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن شېرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تېپىپ چىقىدۇ.
نەتىجىدە ‹‹ نيۇيورك گېزىتى ›› كىشىلەرنى ئازابلاۋاتقان بۇ سوئالنىڭ توغرا جاۋابىنى تېپىپ چىققان. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر: مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگەنسەك بوپتىكەن، دەپ ئەپسۈسلانغان. خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش تۈرى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن سىنگاپورنىڭ ماتېماتىكا دەرىسلىكىدە ھەقىقەتەن پەرق زور بولۇپ، ئامېرىكا ماتېماتىكا دەرىسلىكىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەخمىنەن سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولۇپ، 30-ئورۇندا تۇرىدىكەن، سىنگاپور 2-دەرىجىدە تۇرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved