تىڭشۇن تورى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
2-ئاينىڭ20-كۈنى شىڭ ئۇستام ئاۋالقىدەكلە يولدا ماشىنا ھەيدىگەچ خېرىدار ساقلاۋاتاتتى.شىڭ ئۇستام شىئەن قاتناش ئۇنۋىرسىتىتى تىببى ئنىستىتوتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماشىنا توسۇلۇپ قالدى.شىڭ ئۇستام كۆڭلىدە،كۆك چىراغ يېنىق تۇرسا نىمە ئۈچۈن ماشىنا ماڭمايدىغاندۇ؟شىڭ ئۇستام يەنمۇ ئىنچىكلىك بىلەن ئالدى تەرەپكە قارىدى.ئالدى تەرەپتە نۇرغۇنلىغان ئادەملەر يولدىكى پۇللارنى تىرىۋاتقان ئىكەن.پۇللارنىڭ ھەممىسى قىزىل رەڭلىك 100يۇەنلىك پۇللار ئىدى.1مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچدە پۇللارنىڭ ھەممىسى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ بولدى.پۇل تىرىۋاتقانلارنىڭ ئىچدە ماشىنىدىن چۈشۈپ تىرىۋاتقانلار،موتسىكلىتنى توختىتىپ قۇيۇپ تىرىۋاتقانلار،يەنە يۈگۈرۈپ كىلىپ تىرىۋاتقانلار بارئىدى.شىڭ ئۇستامنىڭ دىيىشىچە ھەركىتى تىزرەك بولغانلارنىڭ تىرىۋالغان پۇلى 2000يۇەندىن كۆپ ئىدى.
غەلىتە يىرى شۇكى،باشقىلار پۇل تىرىۋالدى،ئەكىسچە بىرەرسى كىلىپ پۇلۇمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم دىمىدى.شىڭ ئۇستامنىڭ دىيىشىچە، پۇل بىر تاكسىدىن چۈشۈپ قالغان بولۇپ،كۆك چىراغ يانغاندا بۇ تاكسى سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ ماڭغان،كەينىدىكى شەخسى ماشىنا بولسا توختاپ پۇلنى تىرىشكە باشلىغان.ئۇ تاكسىنىڭ شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندىمۇ ئادەم بار بولۇپ،پۇل شۇ ئادەمنىڭ يېنىدىن چۈشۈپ قالغان.تاكسى ناھايىتى جىددى ماڭغاچقا تاكسىنىڭ نۇمۇر تاختىسىنى كۆرگىلى بولمىغان.
يەنە بىر پۇل تىرىۋالغۇچى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دىدى:ئىش ناھايىتى تۇيۇقسىز بولدى،پۇلنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم،پۇلنى تىرىپ بولغاندىن كىيىن كۆپچىلىك 10مىنۇتتەك ساقلىغان بولسىمۇ پۇلنى يۈتتۈرۈپ قويغۇچى كەلمىدى شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كەتتۇق.
21-چىسىلا سائەت 6غىچە ھىچقاندان بىر ئادەم ساخچىخانىغا كىرىپ پۇلنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved