يېقىندا مەلۇم بىر ئەر ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە نۇرغۇنلىغان ساختا پۇللارنى چىقىرىپ «بايلىقى» نى كۆز-كۆز قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتتى. بىراق ئۇ خەلق ساقچىسىنىڭ ئۇزۇنغا قالمايلا ئۆزىنى تۇتۇپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئەسلىدە بۇ ئەرنىڭ چىقارغىنىنىڭ ھەممىسى ساختا پۇل ئىكەن. خەلق ساقچىسى ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، رەسىمنى قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق پۇلنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئارقىدىنلا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەلق ساقچىسى بۇ ئەر خىزمەت قىلىدىغان ساتىراشخانىدىن نۇرغۇنلىغان ساختا پۇللارنى تېپىپ چىققان، يۈز يۈەنلىك پۇلدىن جەمئىي 1400 ى تېپىلغان. بۇ ئەرنى ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ بۇ پۇللارنى باشقىلارغا ياردەملىشىپ ساقلاپ بەرگەن. ساقلاپ بېرىش مەزگىلىدە ئۇ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، ساختا پۇللارنى سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى: بۇ ئەر پۇللارنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساقلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى 172-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىپ، ساختا پۇل ساقلاش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى. ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە جىنايىتىنى تاپشۇرغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇنىڭغا 5 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved