چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خانتېر ئەر-ئايال ئەنگىلىيەنىڭ لېۋىنپور شەھىرىدىكى بىر كونا ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ ، 27يىلنىڭ ئالدىدا ئۇلار 35مىڭ فونىستىرلىڭغا بىر ئۆي سېتىۋالغان. ئۇلار ئۆينىڭ قەرزىنى 27يىلدا تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا بۇ يەردىكى ئۆيلەرنى چاقماقچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشىنى ۋە ئۆيىنى 85مىڭ فونىستىرلىڭغا سېتىۋالدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما خانتېر ئەر-ئايال ئۆيىنى 120مىڭ فونىستىرلىڭغا يارايدۇ، دەپ قارىغان ، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىغان. 2002-يىلى ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى كۆچۈپ كەتكەن.ھۆكۈمەت ھازىر «بىرفونىستىرلىڭغا سېتىش » پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان . بۇ پىلان بويىچە بۇرايوندىكى ئۆيلەرنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىپ بىر فونىستىرلىڭغا سېتىپ بېرىدىكەن
62ياشلىق خانتېر خانىم مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ بۇ ئۆينى سېتىۋەتكىمىز بار، ئەمما ئالىدىغان ئادەم يوق. چۈنكى يېنىمىزدىكى ئۆينى بىر فوندستېرلىڭغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان تۇرسا، كىممۇ بىزنىڭ ئۆينى سېتىۋالىدۇ،دېگەن ھەمد ەئامالىنىڭ يوقلىقىدىن ئۆيىنى بوشىتىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئۆيگە كۆچۈپ كەتكەن
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved