16–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا سانائەت كۆرگەزمىسى 4–نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەي يېڭى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى ، شىنجاڭ كارخانىلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى .
16–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا سانائەت كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى ‹‹ يۇقىرى دەرىجىلىك ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ، يېشىل بولۇش ›› بولۇپ ، كۆرگەزمىسىنى دۆلەت تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە مىنىستىرلىق–كومىتېت ۋە شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ساھەسىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتىكى مۇھىم كۆزنەك ۋە ئىقتىساد–سودا ئالاقە ھەمكارلىق سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرگەزمە رەقەملىك باشقۇرۇلىدىغان ئىستانوك ۋە مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش كۆرگەزمىسى ، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ئېلېكتىر–ئېلېكتىر تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى قاتارلىق 8 چوڭ كەسپىي رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، 27 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2100 جۇڭگو ۋە چەت ئەل سودىگىرىنى ئىلغار ياساش تېخنىكىسىنى بىرلىكتە كۆرگەزمە قىلىشقا جەلپ قىلدى .
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved