مۇتەخەسىسىلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ھامىلدارلار مىكروبقا تاقابىل تۇرۇش سوپۇنىنى كۆپ ئىشلەتسە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرى برۇكلىن رايونىدىكى 184 ھامىلدارنىڭ سۈيدۈكى ۋە كىندىك بېغىدىن قان ئېلىپ تەكشۈرگەن. سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىدە مىكروبقا تاقابىل تۇرۇش دورا بىرىكمىلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن سىرت %50 تىن ئارتۇق كىندىك بېغى قان ئەۋرىشكىسىدىمۇ مىكروبقا تاقابىل تۇرغۇچى دورا بىرىكمىسى ترىلوسان بار بولۇپ، بۇ خىمىيەلىك ماددا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلار مىكروبقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان سوپۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئاز ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved