رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ 7- يانۋارىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا بانكىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان 2016- يىلى 1- ئايلىق « دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر » دوكلاتىدا، بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %6.7 ئاشىدىغانلىقى، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ %0.7 چېكىنىدىغانلىقى كۆرستىلگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئېىشىغا تۈرۈتكە بولىدىغان قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، بىر قىسىم ئىقتىسادى تارماقلارنىڭ قەرز سەۋىيىسى تۆۋەنلىتىش سىياىستىنى يولغا قويغان. 2015- يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.9 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %0.4 تۆۋەنلىگەن. ئېشىشنىڭ ئاستىلىشى ئۆي، يەر مۈلۈك ۋە ياسىمىچىلىق كەسپىدە تېخىمۇ كۆرىنەرلىك بولغان، مۇلازىمەت كەسپى ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ساقلاپ، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كېلىدىغان بىر قاتار پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى ۋە 2015- يىلى يازدا يۈز بەرگەن پاي بازىرىدىكى چوڭ داۋالغۇشنى پەسەيتىش رولىنى ئوينىغان
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved