ئىران: نېفىت باھاسىنىڭ جىددىي چۈشۈشى، غەربنىڭ شۇملۇقى

ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى نەچچە كۈن ئىلگىرى، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى غەرب ئەللىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئىمبارگو دەردىنى تارتىۋاتقان ئىران ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئاجىزلاتماقچى دەپ ئەيىبلىدى.


بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان، خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۆزلۈكسىز چۈشتى، لوندون بۇلېنت نېفىت قەرەللىك مال بازىرىدا نېفىتنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى 110 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ، 21-ئۆكتەبىرگە كەلگەندە 86 دوللارغا توختىدى. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خامچوتى نېفىت باھاسى 100 دوللارلىق قىياس ئۈستىگە تۈزۈلگەن بولغاچقا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى، ئىران پرېزىدېنتى روھانىنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، كىرىم مەنبەسىنى ئىزدەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.

 


پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى غەربكە يانتاياق بولۇپ ئىران ۋە رۇسىيەگە زەربە بەرمەكچىمۇ؟

 


ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى نوباخت 20-ئۆكتەبىر كەچتە ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى شەھەر قومدا، شىئە دىندارلىرىغا «بۇ رايوندا، بىرقىسىم ئاتالمىش ئىسلام دۆلەتلىرى ئامېرىكا ۋە (باشقا) ھاكاۋۇر دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى شىلىۋالماقتا». «ئۇلار (غەرب ئەللىرى) كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىزنى 400 مىليون تۇڭدىن، 100 مىليون تۇڭغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى، يېقىنقى مەزگىلدىكى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئۇلار پىلانلىغان ئەڭ يېڭى شۇملۇق» دېدى.


رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىلدىكى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تەمىنلەشنىڭ زىيادىلىكى، ئېھتىياجنىڭ چەكلىك بولۇشى، سەئۇدى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى خالىماسلىقى ئىكەن. سەئۇدى ۋە كۇۋەيتنى ئۆز ئىچىدە ئالغان بىر قىسىم نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىرى، 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلىدىغان يىغىندا، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر قىسىم تەھلىلچىلەر، سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەر تۆۋەن نېفىت باھاسىنىڭ زەربىسىگە چىداپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىران ۋە ئۇكرائىناغا بېسىم قىلىشىغا ماسلىشىپ، ئىران يادرو كرىزىسى ۋە ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلماقچى دەپ قارىماقتا.


ئەمما پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇزۇنقۇلاق ئەربابلار بولسا، بۇ خىل قاراشنى «سۇبيېكتىپ پەرەز» دەپ قارىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، مەملىكىتىمىز نېفىت تەمىنلەش مىقدارنى ئىزچىل تۈردە باھانى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشەپ تۇرۇۋاتىدۇ دېدى.

 


ئىران ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتتى؟

 


رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. خامچوتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كۆزلەيدۇ، ئەگەر نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتكەندە، ئىران ئادەتتە بىرىنچى بولۇپ نېفىت مىقدارىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمما، ئىران بۇ قېتىم ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتكەندەك قىلىدۇ. ئىران بۇ ئايدا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن نېفىت باھاسىغا چىدىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى جىددىي يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلمىدى.


ئالدىنقى ھەپتە، ئىران پرېزىدېنتى روھانى، ئىران نېفىت مىنىستىرى زەنجانىغا «دىپلوماتىك ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ» نېفىت باھاسىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشىنى توسۇشقا تېرىشىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.


رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، روھانى بارلىق ئۈمىدىنى ئىران يادرو سۆھبىتىگە باغلىغان بولۇپ، ئەگەر ئىران بۇ سۆھبەتتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەل قىلىش چارىلىرى تۈزەلسە، ئىمبارگودىن قۇتۇلۇپ، يېڭىدىن نېفىت ئېكسپورت چوڭ دۆلىتى بولالايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
24-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek