پارس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 7- يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىننىڭ 7- يانۋار ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەت ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان «چاقماق» ناملىق رېئاكتىۋ كۈرەشچى ئايروپىلاننى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان. ھۈسەيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇنداق رېئاكتىۋ كۈرەشچى ئايروپىلان كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.»
ئۇ بۇلتۇر ئېلان قىلغان «چاقماق» ناملىق قوش كىشىلىك رېئاكتىۋ كۈرەشچى ئايروپىلاننى تىلغا ئالدى، ھەمدە ئىراندا ھازىر بىر قانچە «چاقماق» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئوتتۇرا ئەترىتى بار، بۇ كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ كەلگۈسى نۇسخىسى تېخىمۇ ئىلغار بولىدۇ، دېدى.
2010- يىلى 9- ئايدا «دۆلەت مۇداپىئە ھەپتىلىكى» دە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتا، ئىران «چاقماق» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئوتتۇرا ئەترىتىنى تۇنجى قېتىم نامايان قىلغانىدى.
2011- يىلى 9- ئايدا، ئىراننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك مانېۋىردا، ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىراندا ئىشلەنگەن تۇنجى «چاقماق» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئوتتۇرا ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلغان.
ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندارى ھاسان شاھ سەفى بۇلتۇر 2- ئايدا ھاۋا ئارمىيەسى بارلىق كۈچى ۋە زېھنىنى كۈرەشچى ئايروپىلان ياساشقا مۇجەسسەملىدى، چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىدىكى جەڭگاھنىڭ ھاۋادا بولىدىغانلىقى، غەلىبىنىڭمۇ ھاۋادا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
سەفى مۇنداق دېدى: «كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەلگۈسىدىكى جەڭ ھاۋادا ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئەگىشىدۇ، شۇڭا، ھاۋا ئارمىيەسى بىر يېڭى تاكتىكا قوللىنىپ، ئىچكى كۈچنى كۈرەشچى ئايروپىلان ياساشقا مۇجەسسەملىدى.»
ئۇ مۇنداق دېدى: ئىران ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ئىران «چاقماق» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ياساپ چىقتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىران ھاۋا ئارمىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە زۆرۈر ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسى جەھەتتە ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 3-ماي، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى ‹‹7-قۇرۇلتىيى››غا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر پيۇڭياڭغا يېتىپ كەلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved