ئافغانىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 29-سېنتەبىر ئۆتكۈزگەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا ، غەنى ئالىي سودىيەنىڭ نازارەتچىلىكىدە قەسەم بېرىپ ، ئاساسىي قانۇن قاتارلىق قانۇنلارنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
بۇ قېتىمقى ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمى شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغۇچە يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن . يېرىمدىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەن نامزات چىقمىغانلىقى سەۋەبىدىن ، كۆپرەك بېلەتكە ئېرىشكەن سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا بىلەن سابىق مالىيە مىنىستىرى غەنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا كىرگەن .
ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ ، ئافغانىستاننىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى ئاشلاف غەنى ئافغانىستاننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى جاكالىغان .
21-سېنتەبىر ئىككى زۇڭتۇڭ نامزاتى بىر تۈرلۈك ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى . كېلىشىمگە ئاساسەن غەنى ئافغانىستاننىڭ زۇڭتۇڭى بولىدۇ ، غەنى رەقىبى ئابدۇللانى زۇڭلى دەرىجىلىك بىر ئورۇننىڭ باش ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەيدۇ . كېلىشىمدە غەنى زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بىر قاتار مەمۇرىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved