فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 29- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى بىر ئورۇندىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغا كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇم قىلغۇچىلار مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان ئاممىغا قارىتىپ قالايمىقان ئوق چىقارغان.
خەۋەرلەردە بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئاۋال مەسچىتنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بومبا پارتلاتتى، ئارقىدىنلا مەسچىت ئىچىگە كىرىپ قالايمقان ئوق چىقاردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى بىر ئەمەلدار ئۇلارنىڭ ۋاقتىنچە تەپسلى مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ ساقچىلارنىڭ يەنىلا ۋەقەنىڭ ئەينى ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا جىددىي كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بەزى ئۇچۇرلاردا ئيېتىلىشىچە، بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى 2 ئادەنىڭ قازا قىلىشى ۋە 7 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2015- يىلى 5- ئايدا رادىكال تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى » سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ شەرقىي قىسىمىدا ئىككى قېتىم شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، جەمئىي 25 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved