ئۇدا 37 سائەت ياغقان قېلىن قار 12-دېكابىر سەھەر سائەت 6:00 دە توختىدى. مۇھىت ئاسراش خادىملىرىنىڭ ئۇدا خىزمەت قىلىشى نەتىجىسىدە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى غول لىنىيە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يىغىلىپ قالغان قارلار 14-دېكابىر تازىلىنىپ بولدى.
مۇخبىرنىڭ 13-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق قار تازىلاش خىزمىتى جاريانىدا پۈتۈن شەھەردىكى 24 مىڭ 500 نەپەرتازىلىقئىشچىسى،1500 قار تازىلاش ماشىنىسى قار تازىلاش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، 13-دېكابىر سائەت 19:00 غىچە 400 مىڭ توننا قارنىتازىلاپ بولغان.
بۇ قېتىم ياغقان قارنىڭ توشۇلۇش مىقدارى2014-يىلى قىشتىن 2015-يىلى باھارغىچە توشۇلغان قارنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ بولۇپ، نۆۋەتتە شەھەر رايونى، شىنخۇا شىمالىي يولى، خەلق يولى، جۇڭشەن يولى، نۇرلۇق يولى، ئات بەيگىسى مەيدانى قاتارلىق يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىپ قويۇلغانقارلارنىڭ ھەممىسى توشۇلۇپ بولغان. لېكىن سۇجۇ يولى، ئالغا يولى، ئارشاڭ يولىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلار تېخو توشۇپ بولۇنمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە داۋاملىق قارلار توشۇلماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved