دەرىجىدىن تاشقىرى سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىىكى نۇرغۇن جايلاردا تېمپۇراتۇرا تۆۋەنلەش، قار يېغىش، مۇز تۇتۇش، قاتتىق بوران چىقىش قاتارلىق ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى، جايلار پائال تەدبىر قوللىنپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقتا.
23-يانۋار سەھەردىن باشلاپ، شاڭخەيدا قار ياغدى، قىسمەن يوللاردا قىسقا ۋاقىت قار يىغىلىپ قالدى، پۈتۈن شەھەرنىڭ تېمپۇراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى، ھەرقايسى تەرەپلەر تولۇق تەييارلىق قىلغاچقا پۈتۈن شەھەرنىڭ خىزمەتلىرى ئاساسەن نورمال يۈرۈشتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، جېجياڭ، فۇجيەن، خەينەن، سىچۈەن ئۆلكىلىرى ۋە گۈيجۇ ئۆلكىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە سوغۇق ئېقىم ۋە يامغۇر، قار، مۇز قاتارلىق ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، يولۇچىلار تىرانسپورتى، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىقلار پائال تاقابىل تۇرۇپ، سەپەر بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
![]() |
كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن، خاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 21-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس توختىتىشنى قارا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved