17-مارت مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە تاكسىغا ئولتۇرغاندا قىزىلتاغ راۋان كارتىسىنى ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلىسىمۇ بولىدىكەن، لېكىن ھازىرچە پەقەت قاتناش بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا بانكىسى قاتارلىق بانكىلارنىڭ راۋان كارتا شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ تارقاتقان كارتىسى ئارقىلىقلا پۇل تۆلەشكە بولىدىكەن.
قىزىلتاغ راۋان كارتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2140 تاكسىغا POS ئەسۋابى سەپلەنگەن بولۇپ، قاتناش بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا بانكىسىنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى بانكىغا بېرىپ راۋان كارتا كەسپىنى ئاچقۇزغاندىن كېيىن، تاكسىلاردا بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلىيەلەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 12 مىڭ 188 تاكسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر رايونىدا جەمئىي 10 مىڭ 647 تاكسى، رايونلار ئارا قاتنايدىغان 1541 تاكسى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا 776 تاكسى بار ئىكەن.
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved