25-ئىيۇن، ئۇكرائىنانىڭ كراماتورسك شەھىرىدە، ئامما ئۆچىرەت بويىچە سۇ ئالماقتا. بۇ شەھەرنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سۇ توختاپ قالغىلى ئىككى ئاي بولغان. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ يەرلەرنى قورشاپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
ب د ت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 7-ئىيۇن تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان، كۆپ قاتلاملىق تىنچلىق پىلانى يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى پەسەيتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق، بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق يەنىلا تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، پوروشېنكو زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان، ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن. ئۇ يەرلىك قوراللىقلارنىڭ قورالىنى تاشلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ 20-ئىيۇندىن باشلاپ بىر ھەپتە ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە گېپىدە تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كۇچما، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلار نۆۋەتتە تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ 24-ئىيۇن پارلامېنتتىن ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىنى قايتۇرىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved