ئالدىنقى ھەپتىدىكى دۆلەت ئىچى نۇسخىسىدىكى Xperia Z5 غا زاكاز قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدىن كېيىن، سونىينىڭ Xperia Z5 نۇسخىلىق يانفونى بۈگۈن تىيەنماۋ ۋە جىڭدوڭ تور دۇكانلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىندى، بۇ قېتىم بازارغا سېلىنغىنى قوش كارتىلىق Xperia Z5 نۇسخىلىق يانفون بولۇپ، ئالدىن زاكاز قىلمىغان ئابونتلارمۇ سېتىۋالالايدۇ، 16-چىسلا سېتىۋالغانلار يەنە كۆك چىشلىق نائۇشنىك ۋە 16G لىق بارماق دىسكا قاتارلىق سوۋغاتلارغا ئېرىشەلەيدۇ. قوش كارتىلىق Xperia Z5 يانفونىغا كۇۋالكۇم سىناپدىراگون 810 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GB لىق ئاساسى سىغىم بوشلۇقى، 23 مىليون پېكسىللىق كەينى يۈزى ئاساسى كامىراسى سەپلەنگەن، 1080P لىق سىنغا ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
مەيلى 0.03 سېكوندلىق تېزلىكتىكى ئاپتوماتىك فوكىس توغرىلاش ئىقتىدارى بولسۇن، ياكى 5 ھەسسە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىچىكلىتىش ئىقتىدارى بولسۇن، سونىينىڭ Xperia Z5 نۇسخلىق يانفونى سونىي ماركىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەن. يانفوننىڭ يان تەرىپىگە يەنە بارماق ئىزىنى تونۇغۇچى سېنزور ۋە مەنبە كۇنۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يانفوننى چىقىرىپ ئېكران يورۇپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىلا يانفون قۇلۇپىنى ئېچىپ بولغىلى بولىدۇ. سېتىلىش باھاسى 4999 يۈەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved