بۈگۈن شىياۋمى 4 يانفونى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان Win10 Mobile نىڭ ئاشكارا سىناق نەشىرى شىياۋمى MIUI مۇنبىرى ۋە مىكروسوفت Windows Insider پىلانى تور بېكىتىدە رەسمىي چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان. شىياۋمى شىركىتىنىڭ لېدىرى لىن بىن مىكرو بىلوگىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ Win10 Mobile سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىغانلىقىنى، ھەممە ئىقتىدارى نورمال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، شۇنداقلا شىياۋمى ھەۋەسكارلىرىنىڭ Win10 Mobile سىستېمىسىنى ھەقسىز ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلغان.
سىستېما يېڭىلاش ياكى ئالماشتۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار:
1. Win10 Mobile سىستېمىسى نۆۋەتتە پەقەت دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنغان شىياۋمى 4 يانفونىنىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلېگراف 4G تورى نۇسخىسىنىلا قوللايدۇ، 3G نۇسخىسىنى قوللىمايدۇ.
2. MiFlash ئارقىلىق Win10 سىستېمىسىنى قاچىلىغاندا، كومپيۇتېرنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى Win7,Win8,Win8.1,Win10 بولۇشى كېرەك، Win XP نى قوللىمايدۇ.
ئۇنداقتا، MiFlash دېگەن نېمە؟
MiFlash بولسا يانفون سىستېمىسىنى يېڭىلاش قورالى، بۇ خىل ئۇسۇلدا سىستېما يېڭىلاش ئۈچۈن، يانفوننى كومپيۇتېر بىلەن ئۇلاشقا توغرا كېلىدۇ.
سىستېما يېڭىلاشنىڭ قەدەم-باسقۇچى:
ئالدى بىلەن MIUI مۇنبىرىگە كىرىپ، سىستېما يېڭىلاشقا ئالاقىدار تەپسىلىي دەرسلىكنى كۆرۈڭ. ئەمەلىيەتتە يېڭىلاش جەريانى ئىنتايىن ئاددىي، MiFlash قورالىنى ئىشلەتكەندە، بىر مىنۇت ئىچىدە سىستېما يېڭىلاشنى تاماملىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىياۋمى 4 نىڭ ئاندىرويىد رومى ( ROM) بىلەن MiFlash رومىنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ قاچىلىغىلى بولىدۇ. دەرسلىكنى كۆرۈش مەنزىلى: http://www.miui.com/thread-3163690-1-1.html
دىققەت قىلشىقا تىگىشلىكى، شىياۋمى 4 يانفونىغا قاچىلىنىدىغان Win10 Mobile سىستېمىسى پەقەت جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلگرافنىڭ 4G تورىنىلا قوللايدۇ، 3G تورىنى قوللىمايدۇ، ھەم بۇنداق پىلان ھازىرچە يوق. يەنە بىر مەسىلە، ئەگەر ئۆزىڭىز قول سېلىپ سىستېما يېڭىلاشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا جايلاردىكى شىياۋمى دۇكانلىرىغا بېرىپ، Win10 Mobile نى ھەقسىز يېڭىلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولسىڭىز بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved