خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : كۇبا تەرىپىدىن «دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ۋە زېمىن بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ئامېرىكىلىق سودىگەر ئالان.گروس يېقىندا ئاچلىق ئېلان قىلىپ ، كۇبا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈدى ؛
ئەسلىمە : ئالان . گروس ( Alan gross ) ئەر ، بۇ يىل 64 ياش ، ئامېرىكىلىق ، ئەسلىدە ئامېرىكا " ئېچىش لايىھىلەش شىركىتى " نى قۇرغۇچىسى ، 2009- يىلى 12- ئايدا ھاۋانادىكى مىھمانسارايدا قولغا ئېلىنغان ، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بىيامالىستا تۈرمىسىگە قامالغان ؛ كۇبا ئەدلىيە مىنىسىترلىقى ئەينى چاغدا ئالان . گروسنى قانۇنسىز سۈنئىي ھەمرا ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ كىرگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى جاسوسى دەپ بېكىتكەن ؛
2011- يىلى 2- ئاينىڭ باشلىرى ، كۇبا تەپتىش مىنسىىتىرلىقى " دۆلەت مۇستەقللىقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە بۇزغۇنچلىق قىلىش جىنايىتى " ئۆتكۈزدى دەپ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان ؛
2011- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى ، كۇبادىكى بىر سوت مەھكىمىسى " جاسوس " لۇق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ئامېرىكىلىق ئەر ئالان . گروسنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلدى ؛
ئالان . گروس ۋە ئۇنىڭ ئايالى جۇدى
ئالان.گروسنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى گىلبېرت 8-مارت كۈنى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 3-مارت، ئامېرىكا خەلقئارا ئېچىش مەھكىمىسىنىڭ كۇبادا مەخپىي ھالدا «كۇبا تۋىتتېر تۈرىنى يولغا قويۇپ، كۇبانىڭ سوتسىيالىزىم ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» غەرىزىدە بولغانلىقى خەۋىرىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، گروسنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. گروس تۈرمىدە ئادۋۇكاتىغا تېلېفون بېرىش ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىگەن :" مەن ھازىر ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇرمىلانغان ئەمەلىيەتكە، كۇبا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلمىغانلىقىغا ئېتراز بىلدۈرىۋاتىمەن. ئۇلار مېنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇتۇپ كېتىپلا قالماي، يەنە نامۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن مېنى نۇمۇسسىزلارچە قىيناۋاتىدۇ.
مەن يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ ئامال قىلىپ بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مېنى ئۆيگە قايتىپ ئايالىم ۋە بالىلىرىم بىلەن جەم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.»
ئادۋۇكات گىلبېرت، ئاچلىق ئېلان قىلغاندىن بۇيان، گروسنىڭ ھەر كۈنى پەقەت ئازىراقلا سۇ ئىچىۋاتقانلىقىنى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭمۇ بەش كىلوگىرامغا يېقىن ئۇرۇقلاپ كەتكەنلىكىنى، گروسنىڭ كۇبا تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى جەمئىي 50 كىلوگرام ئۇرۇقلاپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
گىلبېرت، ئۆزىنىڭ ھازىر كۇبا تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ گروسقا مەجبۇرى بىر نەرسە يىگۈزىۋاتقان ياكى يىگۈزمەيۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. گىلبېرت يەنە، ئامېرىكا خەلقئارا ئېچىش مەھكىمىسى قايتا-قايتا ئەخمىقانە خاتا قارار چىقارغانلىقتىن، كۇبادىكى مەخپىي تۈرنىڭ گروسنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن ئالان.گروس بولسا تور ئالاقە ھۆددە سودىگىرى، 2009-يىلى ئامېرىكا خەلقئارا ئېچىش شىركىتى ئۈچۈن كۇبادا مەخپىي خىزمەت قىلغان، لېكىن ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز ئورناتقانلىقتىن، كۇبا تەرىپىدىن جاسوسلۇق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان دەپ گۇمان قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان. 2011-يىلى مارتتا، كۇبا سوت مەھكىمىسى «دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ۋە زېمىن بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن گروسقا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
كۆپ يىللاردىن بېرى گروس دېلوسى ئىزچىل كۇبا-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالغان، ئامېرىكىمۇ كۆپ قېتىم كۇبانىڭ گروسنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
كۇبا تەرەپ بولسا، ئامېرىكا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى «مەخپىي جاسۇسلۇق جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ قاماپ قويغان بەش نەپەر كۇبالىق جاسوسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ، ئامېرىكا يەنە جىم تۇرىۋالغان ؛
نۆۋەتتە، ئامېرىكىدا قولغا ئېلىنغان كۇبالىق بەش نەپەر جاسوسنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ كوباغا قايتىپ كەلگەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ ۋە تەشۋىق قىلىپ قويوڭ ----LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved